ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆزۈمدىن ئايرىلىپ قالماي دېسىڭىز، يانفوننى قويۇپ ئۇخلاڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، خاتىرە كومپىيوتىر، كومپىيوتىر قاتارلىق ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ بارغانسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىچىسى ئۇخلىماي تېلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۈش ياكى ئويۇن ئويناش، ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى؛ لېكىن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىمۇ بىللە كەلدى. يېقىندا، شىنجىن شەھىرىدىكى بىر ئايال، ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينىغانلىقتىن، كۆز قىسىمىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، سول كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغىلى تاسلا قالغان.
   ئىگىلەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ئايال ئالدىنقى كۈنى كېچىسى ئۇخلىماي يانفون ئويناپ چىققان بولۇپ، كىچە تاڭ ئاتاي دېگەندە ئاندىن ئۇخلىغان؛ لېكىن ئۇ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا، يەن يانفوننى قولىغا ئالغان، ئەمما ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ سول ئىنىق كۆرەلمەي، ئاساسى جەھەتتىن بىر نەرسە كۆرەلمەس بولۇپ قالغان.
   بۇ ئايالنى داۋالىغان مەسئۇل دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئايال دوختۇرخانىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاران 0.04ئىكەن؛ كۆز ئىچكى قىسمىنى رەسىمگە تارتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى ئالدىدا نەچچە يەردىن قان چىقىپ كۆرۈش پەردىسىنى توسىۋالغان. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، دوختۇر ئۇ ئايالغا كۆرۈش پەردىسى ئالدىدىن قان چىقىش، يەنى ۋارسارۋا كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ دىئاگونوز قويغان. بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالىمىغاندا، بىماردا بەزىبىر ئاسارەتلەر قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
   ئاخىرىدا، دوختۇرلار لازىر نۇرى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇ ئايالنىڭ كۆزىنىڭ سېرىق داغ ئالدىدىكى قان چىققان ئورۇننىڭ ئاستىدىن كىچىك بىر تۆشۈك ئېچىپ، قاننى كۆزىدىن ئاقتۇرۇپ چىقىرۋەتكەن.  داۋالاش ئارقىلىق، ھازىر بۇ ئايالنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجى ھالدا ئەسلىگە كەلگەن.
   يېقىنقى يىللاردىن بويان، كىچىسى ئۇخلىماي ئېلىكترونلۇق ئېكرانغا قاراش سەۋەبلىك كۆز كۆرمەس بولۇپ قالغان مىساللار ئاز ئۇچرىمىدى. بۇ يىل 10-ئايدا، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىدىكى چوڭ ياشلىق بىر ئەركىشى، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چىراقنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ يانفون ئوينىغانلىق سەۋەبىدىن، "كۆز سەكتىسى" بولۇپ قېلىپ، كۆزى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغىلى تاسلا قالغان. 2018-يىلى، بىر ئايال كىشى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، كېچىسى ئۇخلىماي كومپىيوتىردا كىنو كۆرۈپ، 1.2 بولغان كۆرۈش قۇۋۋىتى، پۈتۈنلەي كۆرمەس بولۇپ قالغىلى ئازلا قالغان.
   شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن، ئاخشىمى يانفوننى قويۇپ، ۋاقتىدا ئۇخلاشقا ئادەتلىنىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号