ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
18ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى 55ياشلىق ئەر ئوقۇتقۇچىسىغا كۈيۈپ قاپتۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئۇقۇتقۇچى، قەدىمدىن تارتىپ ناھايىتى مۇقەددەس بىر كەسىپ. بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى جاپاكەش "باغۋەن" بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىمدىن ئۇزۇق بىرىپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن توختىماستىن مىھنەت سىڭدۈرىدۇ.
   بىراق، قاچاندىن باشلاپكى بىلمىدۇق، ئوقۇتقۇچىلار ئەترىتىگە ھەرخىل كىشىلەر سوقۇنۇپ كىرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى؛ نىيىتى دۇرۇس بولمىغان ئۇ بىر قىسىم كىشىلەر، نۇرغۇنلىغان ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.
   نەچچە كۈن ئىلگىرى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىيتناملىق 18ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇنىڭ 55ياشلىق ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىككەيلەن ئارىلاشقىلى يېرىم يىل بولمايلا، قىز ئوقۇغۇچى ھامىلدار بولۇپ قالغان. ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ  قېلىشىدىن قورقۇپ، "مەن ئىككى كىشىلىك شىرىن دۇنيادا ياشىسام دەيمەن" دەپ قىزنى ئالدىغان؛ قىزمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ شىرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنى چۈشۈرۋەتكەن. ئىككەيلەن ئىشنى يۇغۇشتۇرۇپ بولدۇق دەپ ئويلاپ، "شىرىن" مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان.
   لېكىن كىم بىلسۇن، قىز بالا بىپەرۋالىق قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيە تالونىنى يانچۇقىدا ساقلاپ قالغان؛ نەتىجىدە قىزنىڭ ئانىسى بۇنى بايقاپ قېلىپ، مەكتەپكە بېرىپ جىدەل چىقارغان. بۇ ۋاقىتتا، 37ياش پەرق قىلىدىغان ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى، كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىغا ئاشكارىلىنىپ چىققان. جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، 55ياشلىق بۇ ئوقۇتقۇچى، "بىز ناھايىتى مۇھەببەتلەشتۇق شۇ، باشقا ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشاش پاراڭلىشىپ بىللە تاماق يىيىشتۇق، بۇنىڭ نەرى خاتا ئىكەن" دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
   ئەمما، ساقچى تەرەپ ئۇنىڭدىن قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بالا چۈشۈرگەنلىك ئەھۋالىنى سورىغان ۋاقتىدا، ئۇ گەپ قىلالماي قالغان. نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ۋاقتىنى تەكشۈرۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا قىز 16ياشقا توشمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئوقۇتقۇچى، قورامىغا يەتمىگەن قىز بالا بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن دەپ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.
   بىراق ئويلىمىغان يەردىن، باشقىلار 18ياشلىق بۇ قىز ئوقۇغۇچىغا تەسەللى بەرگەن ۋاقىتتا، ئەكسىچە ئۇنىڭ قاتتىق رەددىيە بىرىشىگە ئۇچرىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "مۇئەللىمنىڭ ئازراقمۇ خاتالىقى يوق، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن مۇھەببەتلەشتىم، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشۈممۇ ئۆزۈم خالاپ بولغان، مەن بالا چۈشۈرۋەتكىنىمگە ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن". كەينىدىنلا، ئۇ يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە بۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ ئوقۇتقۇچىنى نورمال خىزمەت قىلغىلى قويمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلىگەن.
   قىزنىڭ دىيىشىچە، ھەممە ئادەم ئۇنى توسىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇئەللىمىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بىرىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
   نۆۋەتتە، ئىشقا چېتىلغان 55ياشلىق مۇئەللىم، ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن توختىتىلغان؛ ساقچى تەرەپمۇ، ئۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号