ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
جېيسىننىڭ بالىسىنى يېتىلەپ مېڭىش ئۇسۇلىمۇ ئالاھىدە ئىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   چولپانلار تىلغا ئېلىنغاندا، بىزنىڭ ئىسىمىزگە ئەڭ ئاۋۋال كېلىدىغانلىرى، خەلقئارا دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار بولىدۇ. ئەگەر باتۇر ئەزىمەتلەر ئوبرازىدىكى ئەر چولپانلار تىلغان ئېلىنسا، بىز دەرھال ۋۇجىڭ، جىن زىدەن قاتارلىقلارنى ئىسىمىزگە ئالىمىز؛ ئۇلارمۇ مەيلى بەدەن شەكلى جەھەتتىن بولسۇن ياكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممە جەھەتتىن باتۇر ئەزىمەت ئوبرازىغا ماس كېلىدۇ. بىراق، بۈگۈن بىزنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ھەمىشە باتۇر ئەزىمەت ئوبرازىنى يارىتىدىغان چەتئەللىك بىر چولپان.
   دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارمۇ، بۇ چەتئەللىك چولپاننى ناھايىتى چوڭ كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان جېيىسىن.سىتانسىندۇر. ئۇ رول ئالغان فىلىملەردىكى باتۇر ئەزىمەت ئوبرازلىرىمۇ، ئۇنىڭ رىياللىقتىكى ئەمەلىي ھالىتىگە ماس كېلىدۇ؛ چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ تەرەققى قىلغان مۇسكۇللىرى ئۈچۈنمۇ ئاز تەر ئاققۇزمىغان. لېكىن، جېيسىن گەرچە قارىماققا بىر خىل "قارا جەمئىيەت ئەزاسى"دەك ئوبرازدا كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ تۇرمۇشتا، داڭلىق بىر ئاكتىيور بولغاندىن باشقا، ئۇ يەنە بىر دادا. ئۇنداقتا، بۇ دادا بالىسىغا ھەمرا بولۇشقا ۋاقىت چىقىرالامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ بالىسىنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىققان ھالىتى قانداقراقتۇر؟
   بۇ ھەقتە، جېيسىن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە قويمىغان. ئۇ ھەقىقەتەن بالىسىغا ھەمرا بولۇپ، ئۇنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىققان؛ ئەمما ئۇنىڭ بالىسىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىش ھالىتى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەيران قالدۇرغان ھەم كۈلكىسىنى قوزغىغان. باشقا دادىلار بالىسىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى يىتىلىۋالىدۇ ياكى بىۋاستىلا قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۋالىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بالىلار ھارۋىسىغا سېلىپ ئىتتىرىپ ماڭىدۇ.
   بىراق، جېيسىننىڭ بالىسىنى سىرتقا ئېلىپ چىققان ھالىتى، ئۇنىڭ ئوبرازىغا لايىقلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر بۆلەك تۆمۈر زەنجىرنىڭ بىر ئۇچىنى بالىسىنىڭ قولىغا باغلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، بالىسىنى زەنجىر بىلەن يىتىلەپ ماڭغان ھەمدە يولدا كېتىپ بارغان كىشىلەر تەرپىدىن سۈرەتكە تارتىلىپ، تورغا چىقىرۋېتىلگەن. بالىسى چوڭ بولغاندىن كىيىن، دادىسىنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى ئەسلىسە، ئۇ قانداق ئويلاردا بولار؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号