ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇزۇن ۋاقىت ناشتا قىلماسلىق يۈرەك كېسەللىكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئۇزۇن مەزگىل ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماي ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش خەتىرى، %87 ئېشىپ كىتىدۇ.
   ئامىرىكا لوۋا داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى، 40ياشتىن يۇقىرى بولغان ھەمدە يۈرەك كىسەللىكى تارخى بولمىغان 6550نەپەر ئادەمگە قارىتا، 18يىلغا سوزۇلغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش، ئەتىگەنلىك ناشتا ئادىتى بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى مۇناسىۋىتىگە قارىتا بولغان تۇنجى قېتىملىق قايتىلاش تىپىدىكى تەتقىقات ئىدى.
   قاتناشقۇچىلار قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈشلەر ئىچىدە "سىز قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتا بىر قېتىم ئەتىگەندە ناشتا قىلىسىز" دېگەن سۇئال بار ئىدى. بۇ سۇئالغا قارىتا، %59 ئادەم ھەركۈنى ئەتىگەن ناشتا قىلىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن، پەقەت %5.1 كىشىلەرلا ئەزەلدىن ئەتىگەنلىك ناشتا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بۇندىن باشقا، %10.9ئادەم ئىنتايىن ئاز كۈندە ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىدىغانلىقىنى، %25ئادەم بىر ھەپتىدە ئىككى ئۈچ كۈن ئەتىگىنى ناشتا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، جەمئىي 2318ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 619ئادەم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەتىگىنى ناشتا قىلىش ئادىتى بىلەن، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرسىدا، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە باغلىنىش بارلىقى ئىسپاتلانغان.
   ياش مەزگىلى، جىنسىي ئايرىمىسى، ئىرقى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇمۇش ئۇسۇلى ئامىلى، بەدەن ساپاسى ۋە يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكى خەۋپ ئامىلى قاتارلىقلارغا تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، ھەركۈنى ئەتىگەن ناشتا قىلىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەرگە قارىغاندا، ئەتىگەنلىكى ئەزەلدىن ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش خەتىرى، %87 ئارتۇق چىققان، ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى بولسا، %19يۇقىرى چىققان.
   تەتقىقاتچىلار، بۇ خىل باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ئامىللارنى كۆرسەتكەن: ئالدى بىلەن، ئەتىگەنلىكى ناشتا قىلماي ئادەتلەنگەن كىشىلەردە، ساغلام بولمىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يىيىش ئادىتى، ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چىكىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بار بولۇش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن؛ ئىككىنچىدىن، ئەتىگەنلىكى ناشتا قىلىش، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ۋە قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号