قايتا تويلىشىش بىلەن يارىشىۋىلىشنىڭ قايسىسىدا تېخىمۇ بەخىتلىك بولغىلى بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر بۆلەك رومانتىكىلىققا تولغان گۈزەل توي تۇرمۇشىغا ئىگە بولالىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ بىراق، ئەمىلىيەت كۆپىنچە ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمايدىغان بولۇپ، بۇنى يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىزچىل يۇقىرى نىسبەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئاجرىشىش نىسبىتىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى قىزغىنلىق ۋە شىرىنلىققا تولغان بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ يېنىدا بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ كەتمەي تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق توي قىلغاندىن كىيىن، ھەممە ئىشلاردا ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئىككى ئادەم ھەركۈنى بىرئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولغاچقا، بىر-بىرىنىڭ ئەڭ تۇنۇش ھەم ئەڭ يېقىن ئادىمىگە ئايلىنىدۇ؛ توي قىلىشتىن بۇرۇن بايقالمىغان يىتەرسىزلىك ۋە كەمچىلىكلىرىمۇ، بىرمۇ-بىر ئاشكارىلىنىپ چىقىشقا باشلايدۇ.
ئاجرىشىش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدا ئىنتايىن نورمال بىر ئىش. ئىلگىرى بىر-بىرىنى چوڭقۇر ياخشى كۆرگەن بۇ ئەر-خوتۇنلار، ئاخىرىدا ئەڭ تۇنۇش بولغان ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئايلىنىپ، ئىككەيلەننىڭ ھىسيات تۇرمۇشىغا چىكىت قويۇلىدۇ.
ئاجراشقاندىن كىيىن، بەزىلەر بويتاق ئۆتۈشنى تاللايدۇ، بەزىلەر بولسا قايتا تويلىشىشنى تاللايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا، ئىلگىرىكى ئىرىگە(ئايالىغا) كۆزى قىيماي، قايتا يارىشىۋىلىشنى تاللايدۇ. ئۇنداقتا، قايتا تويلىشىش ۋە قايتا يارىشىۋىلىش ئىچىدە، قايسىسىدا تېخىمۇ بەخىتلىك بولغىلى بولىدۇ؟
Aخانىم، قايتا توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى، ھازىرقى توي تۇرمۇشۇمدىن ناھايىتى رازى
توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى ۋە توي قىلغاندىن كىيىنكى پەرق بەك چوڭ بولىدىكەن؛ ئىلگىرىكى ئىرىم بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇ تالاغا قاراشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ئۆيىمىزنى خاتىرجەم تۇتۇشقا ئامال بولمىدى. ئاجراشقاندىن كىيىن، ئىككى ياشلىق بالامنى ئۆزۈم باقىدىغان بولدۇم؛ چۈنكى مىنىڭ بۇنىڭغا ئىقتىدارىم يىتىدۇ، شۇڭا ئىلگىرىكى ئىرىمدىن بالىغا نەپىقە پۇلىمۇ تەلەپ قىلمىدىم. نۇرغۇن كىشىلەر، ئاجراشقاندىن كىيىن بالىسىنى بىللە ئېلىپ چىققان ئاياللار، قايتا توي قىلسا بەخىتلىك بولالمايدۇ دىيىشىدىكەن؛ شۇڭا مەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىدىيەدە تەييارلىق كۆرۈپ، توي قىلماي بالام بىلەن بىللە ئۆتۈش نىيىتىگە كەلدىم.
كىيىن مەن ھازىرقى ئىرىمگە ئۇچراشتىم، ئۇ مىنىڭ بالام بارلىقى بىلەن ھىسابلىشىپ كەتمىدى ھەمدە بالىغا ئۆز بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلىدە بولدى، شۇنىڭ بىلەن، مەندىمۇ قايتا تويلىشىش ئىستىكى تۇغۇلدى. توي قىلغاندىن كىيىن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردۇق، بالامنىڭ ھازىرقى ئىرىم بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق ياخشى. شۇڭا، مىنىڭچە، مەيلى تۇنجى توي بولسۇن ياكى قايتا تويلىشىش بولسۇن، ئادەمنى توغرا تاللاش ھەممىدىن مۇھىم.
Bئەپەندىم، يەنىلا تۇنجى ئايالىم ياخشىكەن
Bئەپەندىم بىلەن ئىلگىرىكى ئايالى، ئىلگىرى بىر-بىرىنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشكەن؛ بىراق ئاخىرىدا، ئىككەيلەن يەنىلا ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللىغان.
ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشى، تالاغا قاراش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى بەزىبىر كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن بولغان. قىزغىن مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە، ئىككەيلەن قىزغىنلىق ۋە شىرىنلىك تۇيغۇسىغا تولغان؛ بىراق توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇلاردىكى قىزغىنلىق ۋە شىرىنلىك، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تەرپىدىن كۆمتۈرۋىتىلگەن.
ئۇلارنىڭ ئادەتتە خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئوتتۇرلۇقتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز بولغان؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، زىددىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىق بارغانسىرى كۆپىيىپ، ئوتتۇرلۇقتا جىدەل-ماجرامۇ كۆپىيىپ كەتكەن.
بىراق ئاجرىشىپ كەتكەن بىلەنمۇ، ئىككەيلەن ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويالمىغان، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرلىقىدا ئوماققىنە بىر بالىسى بار ئىدى.
Cخانىم، ئىلگىرىكى ئىرىم بىلەن يارىشىۋىلىش مۇمكىن ئەمەس، قايتا تويلاشقاندىمۇ ئوخشاشلا بەخىتلىك بولغىلى بولىدۇ.
بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجرىشىدۇكى، ئەر كىشى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق ئاغرىتقان بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، تالاغا قارىغان ئىلگىرىكى ئىرىگە قارىتا، ئايال كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋىلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن. مۇھەببەتتە يېرىق كۆرۈلۈپ، توي تۇرمۇشىدا ساداقەتسىزلىك كۆرۈلگەن ئىكەن، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ، شۇڭا يارىشىۋالغان تەقدىردىمۇ بەخىتلىك بولالىشى ناتايىن. ئەلۋەتتە، بۇمۇ دەل مىنىڭ قايتا تويلىشىشنى تاللىشىمدىكى سەۋەپ.
ھازىرقى ئىرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، بىز ھەر ئىككىمىز، قولغا كەلتۈرۈش ئاسان بولمىغان بۇ ئائىلىنى قەدىرلەيمىز. بىر بۆلەك مەغلۇبىيەتلىك توي تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، مەن توي قىلىش ئوبىكتىنى تاللاش جەريانىدا قاتتىق ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆردۈم؛ ئىككەيلەن ئۇزۇن مەزگىل ئارىلىشىپ بىر-بىرىمىزنى چۈشەنگەندىن كىيىن، ئاندىن توي قىلىپ يىڭى تۇرمۇش باشلىدۇق.

ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىنىڭ تاللىشىم خاتا بولمىغان، ھازىر بىز ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتىۋاتىمىز.
ئاجراشقاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زادى قايتا تويلىشىش كىرەكمۇ ياكى ئىلگىرىكى ئىرى(ئايالى)بىلەن يارىشىۋىلىش كىرەكمۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە بېشى قاتىدۇ. بۇ مەسىلىگە قارىتا، ھەربىر ئادەمنىڭ دۇچ كەلگەن ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاجراشقاندىن كىيىن، ئەگەر شارائىت پىشىپ يىتىلسە، يارىشىۋىلىشنى تاللىساق بولىدۇ، ئەمما ئۆزىمىزنى بەك زورلاپ كەتمەسلىك كىرەك. ئەگەر ئىككى تەرەپ يارىشىۋىلىشقا ھەقىقەتەن يول بولمىسا، ئۇنداقتا جاسارەتلىك بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بەختىنى قوغلىشىشىمىز كىرەك، قايتا تويلىشىشتىمۇ ھەقىقى بەخىتكە ئۇچراشقىلى بولىدۇ.