ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشخانىدىكى ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغان قىلمىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاشخانا، ئەسلىدە مەززىلىك تائاملار پۇرىقىغا تولغان ئىلىق بىر جاي؛ بىراق، ئەگەر مەشغۇلات قىلىش توغرا بولماي قالسا، بەزىدە ھەرخىل تىراگىدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ھاياتلىققا خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى، ئاشخانىدا يۈز بەرگەن.
گاز ئوچاق يېنىدا ئۇن تۆكۈش
   شىيامىندىكى بىر ئائىلىدە، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئاشخانىدا قورۇما قورۇۋاتقان ۋاقىتتا، دوخۇپكىدا پىشرۇق پىشۇرۇش ئۈچۈن يان تەرەپتە خالتىدىن ئۇن تۆككەن ۋاقىتتا پارتلاش يۈز بىرىپ، ئىككەيلەننىڭ بەدىنىنىڭ %50دىن ئارتۇق يىرى كۆيۈپ يارىلانغان، ھەتتا ئاشخانىنىڭ دەرىزىسىمۇ ئۇچۇپ پەسكە چۈشۈپ كەتكەن.
   "كىرزىس چوڭ تەكشۈرۈشى" پىروگىراممىسى بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر تەجىربە ئىشلىگەن: بىر تەرەپتىن ئوتنى ئېچىپ، يەنە بىر تەرەپتە ئۇن تۆككەن ۋاقىتتا، ئۇنغا دەرھال ئوت كەتكەن.
   ئۇنداقتا تۆت ئەتراپى ئىتىلگەن بوشلۇقتىچۇ؟ ھىم ئىتىلگەن  ساندۇققا ئۇن تۆكۈپ، گۇفېڭجى ئارقىلىق ئۇننى پۈۋلىگەن ۋاقىتتا، ساندۇق شۇ ھامان پارتلاپ كەتكەن.
   ئۇن، ئىنتايىن كىچىك بولغان زەررىچە شەكىللىك مادد بولۇپ، تۆككەن ۋاقىتتا ھاۋاغا تارقايدۇ ھەمدە بەلگىلىك قۇيۇقلۇققا يەتكەن ۋاقىتتا، ئازراقلا ئۇچقۇنغا يولۇقۇپ قالسىمۇ پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
توڭلىتىلغان يىمەكلىكنى بىۋاستە قازاندىكى مايغا سېلىش
   سۇجۇدىكى كۇاڭ خانىم، بەنشىرنى داغلاشقا ئالدىراپ، توڭلىتىپ ساقلانغان جۇۋاۋىنى ئىرىتمەي تۇرۇپلا قازاندىكى مايغا تاشلىغان؛ نەتىجىدە قازاندىكى ماي چاچراپ چىقىپ، ئۇنىڭ قولىنى كۆيدۈرگەن.
   ئامىرىكا ئىستىمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومتىتى بىر تۈرلۈك تەقلىدى تەجىربە ئىشلەپ، توڭلىتىپ ساقلانغان توخۇنى قىزىق مايغا تاشلىغان.
   ئىرىتىلمىگەن يىمەكلىكنى بىۋاستە قازاندىكى مايغا سالغان ۋاقىتتا، يىمەكلىكنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى مۇز تىز سۈرئەتتە سۇ ھورىغا ئايلىنىپ، قازاندىكى ماينى قاينىتىۋىتىدۇ.
   بۇنداق ئەھۋالدا، قازاندىكى يىمەكلىك پارتلاپ چىقىپ ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈپلا قالماي، قاينىغان مايمۇ چاچراپ چىقىدۇ، ئەگەر ئوچاقتىكى ئوتقا چاچراپ بەرسە، ھەتتا ئوت كىتىشىمۇ مۇمكىن.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا تۇخۇم قىزىتىش ياكى پىشۇرۇش
   خۇبىيدىكى جۇ ئەپەندىم، سۇلياۋ چىنىگە سۇ ئېلىپ، تۇخۇمنى چىنىدىكى سۇغا سالغاندىن كىيىن، مىكرو ئوچاقتا قىزىتىپ پىشۇرماقچى بولغان. ئىككى مىنۇتتىن كىيىن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، تۇخۇم پارتلاپ، ئەتراپنى تۇخۇم پارچىلىرىغا تولدۇرۋەتكەن.
   جۇ ئەپەندىمنىڭ چىرايى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا ئۇدۇل تۇرغان بولغاچقا، كۆزى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جۇ ئەپەندىمنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ قارىغۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
  نىمىشقا خام تۇخۇمنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ پىشۇرۇشقا بولمايدۇ؟ چۈنكى، ئادەتتە بىز تۇخۇم پىشۇرغان ۋاقىتتا، ئىسسىقلىق سىرتتىن ئىچىگە يەتكۈزىلىدۇ؛ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتكەندە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تۇخۇمنىڭ ئىچكى قىسمى قىزىپ كۆپىدۇ، ئەمما تۇخۇم شاكىلى ھاۋانىڭ كۆپۈپ كېڭىيىشىنى توسۇۋالغاچقا، پارتلاش كىلىپ چىقىدۇ.
تاماق ئىتىۋاتقان ۋاقىتتا ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى چېچىش
   بىر ئايال ئاشخانىدا تاماق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئوچاقنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە سۈۋەرەكنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنى ئېلىپلا گاز ئوچاققنىڭ ئاستى تەرىپىگە قارىتىپ چاچقان؛ نەتىجىدە پارتلاش يۈز بىرىپ ئاشخانىغا ئوت كەتكەن، بۇ ئايالنىڭمۇ بەدىنىنىڭ %85قىسمى كۆيۈپ يارىلانغان.
   بارلىق ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرى، يۇقىرى قويۇقلۇق ئاسان ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، پۈركۈپ چىقىرىلغان نامىي دەرىجىلىك پۈركەلمە زەررىچە ماددىلىرىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، ئازراقلا ئوت ئۇچقىنى بولسىلا، ئوكسىگىن بار بولغان ھاۋادا پارتلاپ ئوت ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شورپا قايناتقان ۋاقىتتا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىش

   خۇبىيدىكى بىر ئايال، شورپا قاينىتىش ئۈچۈن قازاننى ئوچاققا ئېسىپ كىچىك ئوتنى ئېچىپ قويغان، ئەمما ئۆزى سىرتقا ئىش بىجىرگىلى چىقىپ كەتكەن. نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، شورپا قايناپ تۈگەپ، قازان تىشىلىپ كەتكەن، ئاشخانىدىكى بۇستاتقۇ، گاز ئوچاق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى كۈيۈپ بۇزۇلغان، ئەينەكلەرمۇ چېقىلىپ كەتكەن. بەخىتكە يارىشا، ئۆتۈپ كىتىۋاتقان تازىلىق ئىشچىسى ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ، باشقىلارنى يېغىپ ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۋىلىپ، ئوتنىڭ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
يۇقىرى بېسىملىق قازاندا، شىفەن قاتارلىق چاپلاشقاق يىمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا بولمايدۇ
   شەندۇڭدىكى بىر ئايال، يۇقىرى بېسىملىق قازاندا شىفەن قايناتقان ۋاقىتتا، قازاننىڭ ھاۋا چىقىرىش ئېغىزىغا گۈرۈچ كىرىۋىلىپ، ئېغىزنى توسۇۋالغان؛ بۇئايال قولىدا قازان ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ۋاقىتتا، يۇقىرى بېسىملىق قازان پارتلاپ كىتىپ، يۈز قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى كۈيۈپ يارىلانغان ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددى قۇتقۇزۇلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号