ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئادەمنى رىغبەتلەندۈرىدىغان پاساھەتلىك جۈملىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   1. ئەگەر تۇرمۇش سىزنى ئالدىسا، ئازاپلىنىپ ھەسرەت چەكمەڭ ھەم جىددىيلىشىپمۇ كەتمەڭ؛ چۈنكى، ئەتە ئۇ سىزنى داۋاملىق ئالدايدۇ.
  2. باشقىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى ۋە يامان نىيىتىدىن قاقشاپ ئاغرىنغۇچە، ئۆزىڭىزنىڭ غۇرورى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى قانداق ساقلاشنى ئويلىشىڭ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ قانچە يېراققا يىتىپ بارالىشىڭىزدا.
   3. كىشىلىك ھايات، خۇددى بىر مەيدان تانسىغا ئوخشايدۇ؛ ئەڭ دەسلەپ سىزگە تانسا ئويناشنى ئۆگەتكەن ئادەمنىڭ، سىزگە تانسا كىچىلىكى ئاخىرلاشقۇچە ھەمرا بولالىشى ناتايىن.
   4. كىشىلىك ھاياتتا، ھەمىشە ئويلاپ باقمىغان ئىللىقلىقلار ۋە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئۈمىدلەر بار بولىدۇ. ئالدىڭىزدىكى يول قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، پەقەت سىزنىڭ يۆنىلىشىڭىز توغرا بولسىلا، يول ھەرقانچە ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولسىمۇ، ئەسلى ئورنىڭىزدا تۇرۇپ قالغاندىن ياخشى، بەخىتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىسىز.
   5. سىز بېسىپ ئۆتكەن يوللار، ئەسلىمىلىرىڭىزدىكى مەنزىرىلەرگە ئايلىنىدۇ؛ سىزنىڭ بارلىق كەچمىشلىرىڭىز، سىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ؛ ئۆتمۈشتىكى تارتقان جاپالىرىڭىز، كەلگۈسىدىكى يولىڭىزنى يۇرىتىدىغان چىراققا ئايلىنىدۇ.
   6. قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەمگە ئايلىنىشقا يىتەرلىك ئىشەنچىڭىز بولمىغان ۋاقىتتا، ھەدىسىلا ئەركىلەشتىن ساقلىنىڭ؛ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت مۇشۇنداق ئاجىز، بەزىدە سىز ئەركىلەپ تەتۈرلۈك قىلىپ قويسىڭىز، ئۇ ئادەم قايتا سىزگە تەۋە بولماي قالىدۇ.
   7. بىرەرسىنى ئۇچراتسام بولاتتى دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتمەڭ ھەم بىرەرسىگە ئىرىشسەم بولاتتى دەپ ئالدىراپ كەتمەڭ؛ بىرەرسىنى تۇتۇپ قالسام بولاتتى دەپ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ زورلىماڭ. ھەممە ئىشنى ئۆز تەرەققىياتىغا قويۇپ بىرىڭ؛ چۈنكى، ئەڭ ياخشى بولغان سىز، ئەڭ ئاخىرقى ئادەمگە قالدۇرۇلغان.
   8. بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ سېلىشتىن قورقماڭ، خاتا قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ جىددىلىشىپ كەتمەڭ؛ كىشىلىك ھايات شۇنداق توغرا ۋە خاتادىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن قارىسىڭىز، توغرا خاتاسىنىڭ بەرىبىر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
   9. مۇھەببەت، ئەمىلىيەتتە بىر خىل ئادەتلىنىش؛ سىز تۇرمۇشتا ئۇنىڭ بار بولۇشىغا ئادەتلىنىپ قالغان، ئۇمۇ تۇرمۇشتا سىزنىڭ بار بولۇشىڭىزغا ئادەتلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ۋاقىتتا سىزگە بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزدا بولسا، بارلىقىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز.
   10. ئادەم ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى بىلەلىسە، ھەرقانداق بىر خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ كىتەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号