ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر قانداق قىلىپ ئاياللارنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرالايدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-13كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەرقانداق بىر ئەركىشىنىڭ بويسۇندۇرۇش ئىستىكى بولىدۇ. بىراق، بەزىبىر ئىشلارنى بويسۇندۇرۇش ئاسان بولغان بىلەن، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى بويسۇندۇرۇش ئىنتايىن تەس بولىدۇ؛ چۈنكى، ئاياللارنىڭ كۆڭلى خۇددى دېڭىز تىگىدىكى يىڭنىگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بىر ئەركىشى بىر ئايال كىشىنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئەركىشى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كىرەك.
مەپتۇن قىلارلىقى بار بولۇش
   ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرىمەن دەيدىكەن، ئەر كىشىنىڭ چوقۇم ئۆزىگە خاس مەپتۇن قىلارلىقى بار بولۇشى كىرەك؛ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق ئادەتتىكىچە بىر ئەركىشىنىڭ، ئاياللارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشمىكى ئىنتايىن تەس. يات جىنىسلىقلار ئالاقىسى جەريانىدا، چىراي قىممىتى يۇقىرى بولۇشنىڭ بەلگىلىك پايدىسى بار، ئەمما بىردىنبىر ئەمەس؛ چۈنكى، ئەمىلىيەتتە ئاياللارنى ھەممىدىن بەك ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغىنى، ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ساپاسى، گەپ-سۆزلىرى قاتارلىقلاردۇر. بۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى، ئەر كىشىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدىكى كۆپ يىللىق يېغىلىپ توپلىنىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ تەبىئىيلا سىرتقا ئىپادىلىنىپ چىقىپ تۇرىدۇ ھەمدە ھەربىر گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارىسىدا، ئەركىشىنىڭ مەپتۇن قىلارلىق سىھرىي كۈچىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەكسىچە، رەتسىز، قوپال، بىكارتەلەت، قورقۇنچاق كەلگەن ئەرلەر، ئايال كىشىنى ھەرقانچە قوغلاشسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالالمايدۇ. شۇڭا، بىر ئايال كىشىنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئەركىشى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتلەردىكى مەپتۇن قىلارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كىرەك.
تالانتى بار بولۇش
    تالانتلىق ئەركىشى، ئەزەلدىن ئاياللارنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ تالانتى، ئايال كىشىنىڭ قىزىقىش تۇيغۇسىنى قوزغاشقا، كۆڭۈل تارىنى چىكىشكە يىتەرلىك بولىدۇ.
   تالانتى بار ئەرلەرنىڭ دۇنياغا ۋە جەمئىيەتكە قارىتا ئۆزگىچە قاراشلىرى بار بولۇپ، شەيئىلەرگە قارىتا ئۆزگىچە ئانالىز قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بار بولىدۇ، ئىشلارنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدۇ ھەم تىرىشىدۇ. بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ئايال كىشى يىتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ، كۆڭلىمۇ ئەمىن تاپىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئايال كىشىنىڭ تالانتلىق ئەرلەرنىڭ ئۈستىدىن كۆرىدىغىنى، باشقا ئادەتتىكى ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان ئىدىيە ۋە مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىگە پۈتۈن زىھنى بىلەن بىرىلىپ تىرىشىپ  كۈرەش قىلىشى بولىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر بولسا، دەل ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان نوقتىلاردۇر.
ئايال كىشىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇش
   ئاياللار ھىسياتقا ناھايىتى بىرىلىدىغان كىلىدۇ، ئەمما بۇ، ئۇلارنىڭ ئىدراكلىق تەپەككۇر قىلىشنى بىلمەيدۇ دىگەنلىك ئەمەس؛ شۇڭا ئاياللار، بىر ئەركىشى  مەيلى قانچە مەپتۇن قىلارلىق ياكى  تالانتلىق بولسۇن، ئەڭ مۇھىم بولغىنىنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەركىشى بولۇشى كىرەكلىكىنى، ئۇلار ئوبدان بىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەممىسى ياخشى بىر ئەركىشىگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇ يەردە ئېيتىلغان ياخشى ئەركىشى، ماددى شارائىتى ياخشى بولۇشنىلا كۆزدە تۇتمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئەركىشىنىڭ ئۇنىڭغا كۈيۈنۈشى، ئۇنى ئاسرىشى، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىنى ياخشى كۆرسىكەن دىسەك، ئۇنداقتا، ئەركىشىمۇ ئايال كىشىنى پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ياخشى كۆرۈشى، ئۇنىڭغا %100ياخشى مۇئامىلە قىلالىشى كىرەك. بۇنىڭدا، ئايال كىشى يىتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ، ئۆزىنى مۇھەببەتكە ئورالغاندەك ھىس قىلىدۇ ھەمدە سىزدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ  قالىدۇ.
بەلگىلىك بايلىقى بار بولۇش
   بەلكىم بەزى كىشىلەر ئۈچۈن، يۇقارقى ئۈچ نوقتىنىڭ ھەممىسى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئەكسىچە پۇل ھەممىدىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق، ھازىرقى جەمئىيتىمىزگە نىسبەتەن، پۇل ھەقىقەتەن بىر ياخشى نەرسە بولۇپ، دۇنيادا پۇلغا ئۆچ ئادەم بولمىسا كىرەك. گەرچە پۇل ئارقىلىق مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما پۇل ئارقىلىق مۇھەببەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، مۇھەببەت ۋە توي تۇرمۇشىغا يىتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىر ئايال كىشىنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرۇشتا، پۇل ئامىلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号