ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قايتا ئۆيلەنمەكچى بولغان ئاياللار قانداق ئەرلەرنى تاللايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن ئەڭ قورقىدىغىنى، ئەينى ۋاقىتتا ياخشى ئويلاشماي، ئەخلاقى ناچار، ئۈچ خىل قارىشى ماس كەلمەيدىغان ئەركىشى بىلەن توي قىلىپ قېلىش بولۇپ، بۇنداق توي تۇرمۇشىدا، ئايال كىشىنىڭ ھەقىقى تۈردە بەخىتلىك بولالىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ، كۆپ قىسىملىرى كۆپىنچە ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللايدۇ.
   ئاجرىشىپ كەتكەن ئايال كىشى، گەرچە مۇھەببەت جەھەتتە ئازاپقا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھايات يولى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، بىر مەزگىللىك روھى كەيپىياتنى تەڭشەشتىن كىيىن، نۇرغۇن ئاياللار قايتا تويلىشىشنى تاللايدۇ. چۈنكى، ئۇلار يەنىلا مۇھەببەتكە ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق توي تۇرمۇشىدا بەخىتكە ئىرىشەلىشىگە ئىشىنىدۇ.
   بىراق، قايتا تويلاشماقچى بولغان ئاياللار، بىرىنچى قېتىملىق توي تۇرمۇشىدىكى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، قايتا تويلاشماقچى بولغان ھەمرىيىنى تاللاشتا ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ ھەمدە بەلگىلىك ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئەركىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، قايتا-قايتا ئويلىشىپ ئاندىن قارار چىقىرىدۇ.
   ئۇنداقتا، ئاياللار ئاجراشقاندىن كىيىن قايتا تويلاشماقچى بولسا، ئۇلار قانداق ئەركىشى بىلەن تويلىشىشنى تېخىمۇ بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەرلەر، قايتا تويلاشماقچى بولغان ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا بەكرەك ئىرىشىدۇ.
ئايال كىشىگە ئىللىقلىق ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدىغان ئەركىشى
   ئاياللارنىڭ مۇھەببەتكە تۇتىدىغان پوزۇتسىيەسى ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاشمايدۇ؛ ئۇ ئالدى بىلەن، ئەركىشىنىڭ ئۆزىگە چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى، ئىللىقلىق تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بىر قېتىم ئاجرىشىپ قايتا تويلاشماقچى بولغان ئاياللار، ئۇلار بىر قېتىملىق توي تۇرمۇشىنىڭ سۇغۇقچىلىقىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، يىڭى مۇھەببەت جەريانىدا، ئەركىشىنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش قىلماسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار، ئائىلىگە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان ئەرلەر
   ئايال كىشى بىرىنچى قېتىملىق توي تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىكەن، بۇنىڭدا چوقۇم ئىلگىرىكى ئىرىنىڭ بەلگىلىك خاتالىقلىرى ۋە يامان ئادەتلىرى بار بولىدۇ. بىر قېتىملىق ئاجرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئايال كىشى، قايتا تويلاشماقچى بولغاندا، ئەركىشىنىڭ ئائىلىگە بولغان قارىشى ۋە پوزۇتسىيەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ؛ ئەگەر ئەركىشى ئائىلىگە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان ھەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئادەم بولسا، ئۇنداقتا ئايال كىشى ئۇنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
ئاياللارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان ۋە كەڭ قوساقلىق بىلەن يول قويىدىغان ئەرلەر
   نۇرغۇن ئاياللارنىڭ توي تۇرمۇشىنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشى، ئەركىشىنىڭ ئايال كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەسلىكى ۋە كەڭ قوساق بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. بەزى ئەرلەر توي تۇرمۇشى جەريانىدا، چوڭ سۈپەت ھەم كەڭ قوساق بولماي، بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىلا ئايال كىشى بىلەن ئىنچىكە ھىسابلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالىدۇ ھەمدە چوقۇم يىڭىش يىڭىلىشنى ئايرىپ چىقىمەن دەپ تۇرۋالىدۇ. بۇنداق توي تۇرمۇشىدا جىدەل-ماجرا قۇرىمايدىغان بولۇپ، بەخىت تۇيغۇسىدىن ئەلۋەتتە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
   شۇڭا، بۇ سەۋەپتىن ئىلگىرىكى ئىرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللار، قايتا تويلاشقان ۋاقىتتا، ئەركىشىنىڭ مىجەزى-خۇلقى ۋە كۆكسى قارنىنىڭ كەڭ بولۇشىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ. ئەگەر مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئايال كىشىگە كەڭ قوساق ۋە مۇئامىلىدە بولالىسا، ھەمدە قالايمىقان ئاچچىقلىنىپ چېچىلمىسا، ئۇنداقتا، ئايال كىشى بۇ خىلدىكى ئەرلەرنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
مۇھەببەتكە سادىق ئەرلەر
   ئەرلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ چىداپ بولالمايدىغىنى، ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتكە ساداقەتسىزلىك قىلىشى بولۇپ، بەزى ئەرلەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ئۆزىنىڭ ھاۋايى- ھەۋىسىنى ياخشى كونتىرول قىلالماي، توي تۇرمۇشى سىرتىدا بەزىبىر ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىزدەپ، باشقا ئايال كىشى بىلەن تېپىشىۋالىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، قايتا تويلاشماقچى بولغان ئايال كىشى ئۆزىگە ھەمرا تاللىغاندا، ئەركىشىنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانداقلىقىغا، ئالا كۆڭۈل ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت بىلەن قارايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئالاقە جەريانىدا مۇھەببەتكە ساداقەتمەن بولالايدىغان تەرەپلىرىنى ئىپادىلىيەلىسە، ئايال كىشى بۇ ئەركىشىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاجراشقان ئاياللار، بىر قېتىم توي تۇرمۇشىنىڭ بەخىتسىزلىكىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئۇلار تەجىربە ساۋاقلارغا ئىگە بولۇپ، يەنە قايتا قاراملارچە ۋە ھىسياتقا تايىنىپ ئىش كۆرمەيدۇ. ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق تويلىشىش ھەمراھى تاللىغان ۋاقىتتا، ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، چوقۇم ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان بىر ئادەمنى تاللايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号