ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر ئۆمۈر بويى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئۈچ ئايال كىشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىشىلىك ھاياتتا، ئادەم ھەرخىل ھەر تۈرلۈك ئادەملەرگە ئۇچرىشىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھازىر تويلاشقان جۈپتى، ئۇنىڭ كۆڭۈل تارىنى تۇنجى بولۇپ چەككەن ئادىمى بولۇشى ناتايىن. بەلكىم ياشلىقىدا ئىش ئۇقىمغانلىق، ياكى ئەينى ۋاقىتتا قارشى تەرەپنى قەدىرلەشنى بىلمىگەنلىك، ۋە ياكى باشقا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئىلگىرى چوڭقۇر سۆيگەن ئاشۇ ئادەمنى قولدىن كەتكۈزىۋىتىپ قويىدۇ.
    بىراق، كىشىلىك ھايات مۇشۇنداق سىرلىق؛ بىز پەقەت ئاشۇ ئادەملەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن ھازىرقى ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالايمىز.
   ھەممەيلەن، ئەرلەرنى مۇھەببەتنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، ئايال كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، مۇھەببەتكە خالىغانچە ئاسىيلىق قىلىپ ۋاز كىچىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمىلىيەتتە مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەرلەرمۇ نۇرغۇن بولۇپ، ئىلگىرى يوقىتىپ قويغان مۇھەببىتىنىمۇ ئىسىدىن چىقىرۋىتەلمەي، ھەردائىم ئۇنى ئەسلەپ قالىدۇ. ئادەتتە، ئەرلەر تۆۋەندىكى ئۈچ ئايال كىشىنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ.
ئىلگىرى يۇشۇرۇنچە ياخشى كۆرگەن ئايال
   ھەربىر ئەركىشىنىڭ ئىلگىرى يۇشۇرۇنچە ياخشى كۆرۈپ باققان ئادىمى بار بولسا كىرەك؛ ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىنى يۇشۇرۇنچە ياخشى كۆرىدۇكى، قارشى تەرەپكە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقتىن بولىدۇ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئىگىسى بولۇپ بولغانلىقتىن بولىدۇ، ۋە ياكى قارشى تەرەپنى بەك چىرايلىق ھەم مۇنەۋۋەر ھىس قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغانلىقتىن بولىدۇ؛ قىسقىسى، مەلۇم بىر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى، مۇھەببىتىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ ئۆتىدۇ.
   بىراق، ئىرىشەلمىگەنسىرى ئۇنى شۇنچە ئەسلەيدۇ؛ بەلكىم نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىنمۇ، ئىلگىرى ئۆزى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرگەن ئاشۇ ئادەمنى ئويلاپ قالغان ۋاقىتدا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە يەنىلا مۇھەببەت دولقۇنلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۇزۇنراق ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەن ئايال كىشى
   بىز چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتىشىمىز ھەمدە ئۇنى ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ئادەم دەپ جەزىملەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك بىرگە ئۆتۈشكە نىيەت قىلغان بولىشىمىز؛ بىراق ئاخىرىقى نەتىجىدە بولسا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ قارشى چىقىشى دىگەنلەرگە ئوخشاش ھەر خىل رىئال سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن.
   ئۇزۇن ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەن ئىكەنمىز، ئوتتۇرىدا چوقۇم بەلگىلىك مۇھەببەت بار بولىدۇ؛ گەرچە ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ، بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىسىمۇ، ئەمما رىئال سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئاخىرىغىچە بىرگە بولۇشقا ئامالسىز قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇھەببەتنى ئامالسىز قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ، بەزى-بەزىدە ئۇنى ئويلاپ قالىمىز ھەمدە ئۇنتۇپ كىتەلمەيمىز.
ياش ۋاقتىدىكى تۇنجى مۇھەببىتى
   ياش ۋاقىتتىكى مۇھەببەت ئەڭ ساپ مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى مۇھەببەتكە ھېچقانداق مەقسەت نىشان ئارىلاشمىغان، ئىككى تەرەپ پەقەت بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىپ بىرگە بولغان بولىدۇ.
   ئۇ ۋاقىتلاردا گەرچە بەزىبىر ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ  ئۆتۈشسىمۇ، ئەمما بۇ ئەخمىقانە ئىشلار، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىككەيلەن كىيىنچە بەزىبىر رىئال مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەركىشى بۇ بۆلەك مۇھەببەتنى ئەسلىگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرتىنىپ، ئىلگىرىكى بەخىت تۇيغۇسىنى قايتا ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
   ئۇنى دىدۇق بۇنى دىدۇق، گەرچە ئىلگىرى گۈزەل ئەسلىمىلەر گەرچە ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەم، سىزنىڭ ئەڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئادىمىڭىزدۇر. شۇڭا، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەمنى قەدىرلەڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ بەزىبىر سەۋەپلىرى تۈپەيلى كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ ئادەمدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشتىن ساقلىنىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号