ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مانا بۇ، تۇنجى ئايالى بىلەن قايتا تويلاشقان ئايالىنىڭ پەرقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-20كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى، باشتىن ئاياغ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ؛ ھەرقانداق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ھەرخىل ھەرتۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋالغان ئاساستا، پىكىرلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كىيىنلىك تۇرمۇشى تېخىمۇ بەخىتلىك بولۇپ كىتىدۇ.
    بىراق، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە كەڭ قوساق بولالمىسا، ئاجرىشىپ باشقا بىرسىنى تېپىپ، ئىككىنچى قېتىملىق توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بەخىتلىك بولۇپ كىتىشى ناتايىن بولىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەر بۇ داۋلىنى گەرچە چۈشەنسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى باشقۇرالماي، ھەمشىە توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى ئاشۇ ئادەمنى ئۆزىگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كىلىدىغاندەك ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى تويلاشقان جۈپتى بىلەن ئاجرىشىپ، باشقا بىر ئادەم بىلەن ئۆي تۇتىدۇ.
   سۈن ئەپەندىم دەل مۇشۇنداق، ئۇ ئايالى بىلەن توي قىلغىلى 10يىل بولغان؛ بالىسى ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىۋاتىدۇ، چوڭلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى، ئەمما سۈن ئەپەندىن ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىدىن رازى ئەمەس. ئۇ ھاياجانلىق تۇيغۇسىغا تولغان توي تۇرمۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئون يىل مابەينىدە، ئۇنىڭ توي تۇرمۇشى شىرىنلىكتىن باشلىنىپ، ھازىرقى ئاددىيلىققا يىتىپ كەلدى؛ كۈن بويى ئۇن ياغ گۈرۈچ دىگەندەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، توي تۇرمۇشىدا ھېچقانداق بىر يىڭىلىق تۇيغۇسى دىگەن نەرسە قالمىدى.
    ئۇ بۇ خىل زىرىكىشلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىشنى خالىماي، دەسلىۋىدە پۈتۈن زىھنىنى خىزمەتكە قارىتىپ، ھەركۈنى سەھەر ئۆيدىن چىقىپ كەچ قايتىپ يۈردى.
   كىيىن ئۇ شىركەتكە يىڭى كەلگەن ئايال خىزمەتدېشىنى ئۇچراتتى. ئۇنىڭ بۇ خىزمەتدېشى ناھايىتى زىرەك بىر ئايال بولۇپ، بەدەن شەكلى ئۆلچەملىك، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرەتتى. سۈن ئەپەندىم ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ خىزمەتدېشىنىڭمۇ سۈن ئەپەندىمگە تۇتقان پوزۇتسىيەسى يامان ئەمەس ئىدى. ئىككەيلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوبدانلا تۇنۇشۇپ، دەسلىۋىدە پاراڭلىشىپ يۈردى، ئاخىرىغا كەلگەندە بىۋاستە ئۇچرىشىشقا چىقىشنى باشلىدى.
   سۈن ئەپەندىم ئۇ خىزمەتدېشىگە، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغان ئۆيى بار ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئازراقمۇ بەخىت ھىس قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇچۇق ئېيتتى؛ خىزمەتدېشىمۇ بۇنىڭ كارارىيىتى چاغلىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئاجرىشىشىغا ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىزمەتدېشىنىڭ بۇ بىر ئېغىز گېپى، سۈن ئەپەندىمنىڭ ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى قايتىدىن قوزغىتىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە، ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ بۇ خىزمەتدېشى بىلەن توي قىلىش خىيالى تۇغۇلدى.
   كىيىنكى مەزگىللەردە، ئۇ ئايالى بىلەن يېراقلىشىشقا باشلاپ، ھەرخىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئۆيگە كەچ قايتىدىغان ياكى قايتمايدىغان بولىۋالدى؛ ئايالى ئىرىدىكى بىنورماللىقنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما قولىدا ئىسپات بولمىغاچقا بىر نەرسە دىيەلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ، سۈن ئەپەندىمنىڭ توي تۇرمۇشى ئاددىيلىقتىن يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرلاپ، زىرىكىشلىككە ئۆتتى؛ سۈن ئەپەندىم ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى، ئايالىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدى.
    ئۆزىنىڭ بەخىتسىز بۇ توي تۇرمۇشىدىن ئاخىرى قۇتۇلغانلىقىنى ئويلاپ، سۈن ئەپەندىمنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى؛ ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا، خىزمەتدېشىغا ئۆزىنىڭ ئاجراشقانلىقىنى ئېيتتى.
   سۈن ئەپەندىمنىڭ ئايالى(توغرىسىنى قىلىپ ئېيتقاندا ئىلگىرىكى ئايالى) كۆچۈپ كىتىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ خىزمەتدېشى كۆچۈپ كەلدى. ئۇ كۆچۈپ كىلىپلا ئۆزىنىڭ ئىككەيلەننىڭ ھەممە پۇلىنى باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. سۈن ئەپەندىممۇ ئويلاپ باقمايلا، مائاش كارتىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇنىڭ روھى ھالىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشىماي قالغان بولۇپ، تۇنجى ئايالىمۇ ئۇنىڭدىن پۇلنى ئۆزى باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، لىكىن سۈن ئەپەندىم ئۇنىڭ بىر خىل چەكلەش دەپ قارىغان؛ بىراق ھازىرقى ئايالى ئوخشاش تەلەپ قويغاندا، سۈن ئەپەندىم بۇنى، ئايالىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تاكتىكىسى، كۈيۈمچانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىدى.
    بىراق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ يانفونىغا بانكىنىڭ پۇل چىقىم قىلغانلىق ئۇچۇرلىرى كىلىشكە باشلىدى؛ ھەربىر قېتىملىقى ئاز پۇل ئەمەس بولۇپ، نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە يىتەتتى، يەنە نەچچە قېتىم ئونمىڭ يۈەندىنمۇ ئېشىپ كەتكىنى بار ئىدى. گەرچە بۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى يېغقان پۇللارنى، ئىلگىرىكى ئايالى جايىدا يېغىپ ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق خەجلەۋەرسە، تاغ بولسىمۇ توشىماي قالايتتى.
   ئۇ ئايالىدىن پۇلنى قەيەرگە ئىشلەتكەنلىكىنى سورىدى. ئايالى بولسا، توردا كىيىم سېتىۋالغانلىقىنى، يەنە ئۇكىسىغا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ئاتا-ئانىسىغا تۇرمۇش پۇلى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. چۈشەنچە بىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ يەنە "ئايالى ئىرىنىڭ پۇلىنى خەجلىسە بۇ نورمال بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ بەرىبىر پۇل كۆپ بولغاندىكى، مەن ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنىلا ئىشلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز ماڭا خەجلىگىلى پۇل بەرمىسىڭىز، مەن نىمە ئۈچۈن سىز بىلەن توي قىلغۇدەكمەن" دىگەن گەپلەرنى قىلدى.
سۈن ئەپەندىم شۇ ھامان ئەھۋالنى چۈشەندى، يېقىنقى مەزگىللەردىكى كەچمىشلىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئويلىغاندا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ ئايال كىشى، ئەسلىدە پۇلنى دەپ ئاندىن ئۆزى بىلەن توي قىلغان ئىدى؛ ئەگەر پۇل بولمىغان بولسا، ئۇ ئۆزىگە بۇنچە ئاسان ياتلىق بولماس ئىكەن.
   ئاجرىشىپ كەتكەن ئىلگىرىكى ئايالىنى ئويلاپ، سۈن ئەپەندىم كۆڭلىدە ئۆزىنى "ئادەم ئەمەسكەنمەن" دەپ تىللاپ كەتتى. توي قىلغان شۇنچە يىللاردىن بىرى، ئۇنىڭ تاپىدىغان پۇللىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ ماڭغان بولۇپ، ئايالى پۇللارنىڭ ھەممىنى يېغىپ ساقلىغان؛ بالىسىغا، سۈن ئەپەندىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەجلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بىر ئۆزى ئۈچۈن خەجلەپ باقمىغان ئىدى.
   بىراق ئۇچۇ، توي تۇرمۇشىدىن زىرىكىشلىك ھىس قىلىپ، سىرتتىن باشقا بىرسىنى تېپىۋالدى ھەمدە ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ، قوسىقىدا ھىيلە-مىكىرسى كۆپ ئايالدىن بىرنىڭ بىلەن توي قىلدى؛ بىراق، بۇ دۇنيادا پۇشايمانغا دورا يوق ئىدى.
   كىيىن، سۈن ئەپەندىم يەنە بىر قېتىم ئاجراشتى؛ ئۇ تۇنجى ئايالىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن سەمىمىيەتلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئىلگىرىكى ئايالى ئۇنىڭ پوزۇتسىيەسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ھەمدە ئوتتۇرلۇقتا ھەرنىمە دىگەن بىلەن مىھىر بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولدى.
   توي تۇرمۇشىدا، ھەرقانداق ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ؛ ھاڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى تارتىۋالغاندا، توي تۇرمۇشىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتىن يەنىلا ئۈمىد بار. بىراق، پۇرسەت ئىنتايىن غەنىمەت بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى توغرا چۈشىنىپ ھەم بىر-بىرىگە كەڭ قوساق بولۇپ ئۆتكەندە، ئاندىن تېخىمۇ بەخىتلىك ياشىيالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号