ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   لى موۋ بىلەن قىز دوستى مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى، ئىككەيلەن دۆلەت سىرتىغا چىقىپ تەرەققى قىلىشنى قارار قىلغان. لى موۋنىڭ قىز دوستى ئادەتتە ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا چىقىپ، بەزىبىر غەلىتە سۈرەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە لى موۋنىڭ قىز دوستىمۇ ئادەتتە بىر خىل بىپەرۋا مىجەز بولۇپ، ئىككەيلەن ھەمىشە بەزىبىر كىچىك ئىشلار ئۈچۈن جىدەللىشىپ قالىدىكەن. ئىككىسىنىڭ مىجەزى تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان بولغاچقا، بەزىدە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تۇلۇقلىغان بىلەن، يەنە بەزىدە بىر-بىرىگە كۆڭۈل زىدىسى ئېلىپ كىلىدىكەن.
   لى موۋنىڭ قىز دوستى يېقىندا توردا بىر بەتقىلىق قىلمىش سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم كۆرگەن بولۇپ، فىلىمدە ئالاھىدە تەييارلانغان قىزىلمۇچ قىيامىنى باشقىلارغا چېچىپ، قارشى تەرەپنى تىرىكتۈرىدىكەن. بىر كۈنى، لى موۋ چۈشلۈك ئارام ئېلىپ ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، قىز دوستى ئۇنى  بىر تىرىكتۈرۈشنى پىلانلاپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىرتقا چىقىپ ئالاھىدە تەڭشەلگەن بىر بوتولكا قىزىلمۇچ قىيامى سېتىۋىلىپ، ئۇخلاۋاتقان ئوغۇل دوستىغا قارىتىپ پۈركۈپتۇ ھەمدە بىرتەرەپتىن پۈركىگەچ بىر تەرەپتىن سۈرەتكە ئېلىپتۇ ھەمدە ناھايىتى قىزىقارلىق ھىس قىلىپ كۈلۈپ كىتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا لى موۋ ئويغىنىپ، بەدىنىنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ؛ بىراق، ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ بەدىنىدىكىنىڭ نىمە نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، چالا ئۇيقۇلۇقتا، بەدىنىدىكى قىزىلمۇچ قىيامىنى سىيلىغاندىن  كىيىن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ بىرىپتۇ. نەتىجىدە لى موۋنىڭ كۆزلىرى چىدىغۇسىز ئېچىشىپ كىتىپتۇ. ئەمما لى موۋنىڭ قىز دوستى بولسا، بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي داۋاملىق كۈلىۋىرىپتۇ.
   كۆزلىرى ئېچىشىپ ئاغرىپ چىدىمىغان لى موۋ سۇخانىغا كىرىپ كۆزلىرىنى يۇيۇپ بېقىپتۇ، ئەمما كۆزلىرىنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشى ياخشىلانماپتۇ. لى موۋ ئامالسىز دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ئىكەن، دوختۇر ئۇنىڭغا قىزىلمۇچ قىيامىنىڭ ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇندىن كىيىن ئەمدى ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە كۆز ئەينەك تاقىسا ئاندىن بىرنەرسىلەرنى ئىنىق كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنداق باشقا، لى موۋنىڭ يەنە قەرەللىك تۈردە دوختۇرخانىغا كىلىپ تەكشۈرتۈپ تۇرىشىنى تاپىلاپ، بولمىسا ياللۇغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
   بۇ ئىشتىن كىيىن، لى موۋ قىز دوستى بىلەن قاتتىق جىدەللىشىپ قاپتۇ؛ ئۇ ھەم قىز دوستىنى كەچۈرمەسلىك قارارىغا كەپتۇ. لى موۋنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ قارىشىچىمۇ، لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئەرز قىلغان بولغاچقا، لى موۋنىڭ قىز دوستى ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号