ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەللىك يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى توڭلاتقان باي ھازىر قانداق بوپكەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكا چوقۇم بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ، داۋالاش سەۋيىسىمۇ جەزمەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ؛ ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ساقايماس كېسەللەر، ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە چوقۇم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ھالەتكە يىتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنگىچە بەرداشلىق بىرىپ كېتەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئىسىدە بارمۇ يوق بىلمىدىم، 52يىلنىڭ ئالدىدا، ئامرىكىلىق بىر باي ئۆزىنى توڭلىتىپ قاتۇرۇپ قويغان ھەمدە كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراقتۇ؟
   بۇ پۇلدار باينىڭ ئىسمى بىدفۇد بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا بىر پىسخولوگىيە ئالىمى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل تىجارەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ بەلگىلىك دەرىجىدە بايلىق توپلىغان، شۇڭا ئامىرىكىدىكى نامى چىققان بىر باي ھېسابلىناتتى. لېكىن، ھەرقانچە كۆپ پۇلى بار بولغان بىلەنمۇ، بىدفۇد كېسەللىك ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى؛ ئۇ ياشانغان دەۋرىگە قەدەم قويغان ۋاقتىدا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزگىچە بىر ئامال ئويلاپ چىققان؛ يەنى ئۆزىنى توڭلىتىپ قاتۇرۇپ قويۇپ، 2017-يىلىغا بارغاندا ئاندىن قايتا تىرىلىپ قوپۇشنى پىلانلىغان. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە، 50يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تىببىي داۋالاش تېخنىكىسى، ئۇنىڭ كېسىلىنى چوقۇم داۋالاپ ساقايتالايتتى.
   بىدفۇد دوختۇرخانا بىلەن توختاملىشىپ كىلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇ بىر توڭلىتىلغان ئادەمگە ئايلاندى. لېكىن، 2017-يىلى يىتىپ كەلگەن بىلەنمۇ، بىدفۇدنىڭ ئارزۇسى يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىدى؛ چۈنكى، ھازىرقى ئىلىم-پەن سەۋيىسى، ئۇنى توڭلىتىلغان ھالەتتىن ئىرىتىپ قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، گەرچە بىدفۇدنىڭ ئەسلى پىلانىدىكى ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا توڭلىتىلغان ھالەتتە تۇرىۋاتماقتا. بىراق بەزى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار داۋاملىق تۈردە بىدفۇدنى بىخەتەر ئىرىتىشنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىدفۇد راستتىنلا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قايتا تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرالارمۇ؟
   بۇ تەجرىبىگە قارىتا، تورداشلارنىڭ تۇتقان قارىشى ئوخشاش ئەمەس؛ بەزىلەر، بۇنى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خلاپلىق قىلغانلىق، ئەگەر ھەممە ئادەم قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلسا ھەم تاللىسا، دۇنيا چوقۇم قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ دېگەن قاراشتا بولغان.
   بۇنىڭغا قارىتا، سىز قانداق قارايسىز؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号