ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆز-ئارا تويلىشىشقا ماس كىلىدىغان مۆچەلدىكىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
 ئوخشاشلا ئىت يىلىدا تۇغۇلغانلار
    ئەگەر ئەر-خوتۇن ھەر ئىككەيلەن ئىت يىلى تۇغۇلغانلار بولسا، بۇلار راستىنلا تەقدىر قوشقان قوشماقلاردىن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. گەرچە توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ خارەكتىرى ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتىۋىلىشنى بىلىپ، بىر-بىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ تۇرىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقمايدۇ. بۇنداق ئەر-خوتۇنلار ئادەمنىڭ ھەۋەسلىنىشىنى قوزغايدىغان بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۈر ئىجىل-ئىناق ئۆتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ ناھايىتى مۇنەۋۋەر چوڭ بولىدىغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق كىلىدۇ.
چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن كالا يىلى تۇغۇلغانلار
    ئىت يىلى تۇغۇلغان ئادەم بىلەن كالا يىلى تۇغۇلغان ئادەم توي قىلسا، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى چوقۇم بەخىتلىك بولىدۇ. چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار ئىنچىكە ھەم ئەستايىدىل كىلىدۇ، كىشىلەرگىمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھىسياتىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە قارىتا ناھايىتى كەڭ قوساق ھەم كۈيۈنىدىغان كىلىدۇ. كالا يىلى تۇغۇلغانلار بولسا، يۇۋاش ھەم ساددا كىلىدىغان بولۇپ، چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن ئەڭ ماسلىشىدۇ. بۇ ئىككى مۆچەلدىكىلەر ئۆز-ئارا توي قىلغاندىن كىيىن، تۇرمۇشىدا گەرچە كىچىك سۈركىلىشلەر كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سۈركىلىشلەر ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ ماڭىدۇ.
توشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن توڭگۇز يىلى تۇغۇلغانلار
   توشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن توڭگۇز يىلى تۇغۇلغانلار بىر يەرگە كەلسە، بۇ قالايمىقان بىرىككەنلىك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ دۇنيادا كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. بۇ ئىككى مۆچەلدىكىلەر توي قىلىپ ئەر-خوتۇن بولسا، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ، ھەرقانداق مەسىلىلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كىتەلەيدۇ. توشقان يىلى تۇغۇلغان ۋە توڭگۇز يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنچىكە ھەم ئەستايىدىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈمىدۋار كىشىلەردىن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل مۆچەلدىكىلەر توي قىلغاندا، ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ، غۇربەتچىلىك تۇرمۇشى ئۈچ يىلدىن ئاشمايدۇ، ئۇندىن كىيىن تۇرمۇشى چوقۇم باياشاتچىلىققا تولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号