ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاتمىش كىلوگىرام كىلىدىغان بۇ قىز سىز ئويلىغاندەك كۈرۈمسىز ئەمەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوي ئېگىزلىكى 155سانتىمىتىر، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭ دىگەن بۇ سانلىق قىممەتنى ئاڭلىسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزغا بىرىنچى بولۇپ ، پاكار دوغىلاق كەلگەن بودەكتىن بىرسى كىلىدۇ ھەقىچان. بىراق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمايدۇ؛ بوي ئېگىزلىكى 155سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭ كىلىدىغان گىرمانىيلىك قىز جۇلىي بولسا، توردا نەچچە يۈزمىڭ مەستانىلىرى بار بولغان گىرمانىيەلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئايال ئىلاھى.
    155سانتىمىتىرلىك بوي ئېگىزلىكى، گىرمانىيەدە ئىنتايىن پاكار ھىسابلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا بىر توپ ئېگىز كەلگەن قىزلار ئارىسىدا قانداق قىلىپ ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈش كىرەك؟ پۈتۈنلەي ئەڭ مۇكەممەل كەلگەن بەدەن شەكىل نىسبىتىگە تايىنىمىز. بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ قانچىلىك بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى، گۆشلەر ئۆسۈشكە تىگىشلىك جايدا ئۆسۈش. جۇلىي بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، مۇكەممەل كەلگەن بەدەن شەكلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، پاكار قىزلارنىڭ ھاياتلىق تەقدىرىنى پۈتۈنلەي بۇرىۋەتكەن.
    جۇلىينىڭ چېنىقىشىدا ئىككى مۇھىم نوقتا بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى ساغرا قىسىم؛ ئاياللارنىڭ جەلپكارلىقى، ساغرا قىسىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىر مۇھىم نوقتا بولسا دۈمچە قىسىم بولۇپ، ئادەمنىڭ قىممىتىنى تىك قىلىپ تېخىمۇ لاتاپەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بويى ئەسلىدىنلا ئىگىز بولمىغانلارنىڭ دۈمچە قىسىمى تۈز بولمىسا، تېخىمۇ پاكار كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە بولغان توغرا تۇنۇشى ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا چېنىقىشى، جۇلىنى مۇكەممەل بەدەن شەكلىگە ئىگە قىلغان.
    چېنىقىشنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كىيىنكى پەي سوزۇش ھەرىكىتى، مۇسكۇل سىزىقچىلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدۇ ھەمدە مۇسكۇللارنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىنچى كۈنى چېنىقىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   ئاياللار چېنىقىش جەريانىدا، ئەمىلىيەتتە بەك تۆۋەن بولغان بەدەن ياغ نىسبىتىنى قوغلىشىش ھاجەت ئەمەس بولۇپ، ئاياللار بەلگىلىك دەرىجىدە بەدەن ياغ نىسبىتىنى ساقلىسا، تېخىمۇ نازلىق كۆرىنىدۇ. جۇلىي ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىشنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ۋەلىسپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ھەپتە ئاخىرىدا سىرتلاردا ۋەلىسپىت مىنىپ چېنىقىش، ئادەمنىڭ جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتىگە ئوخشاشلا پايدىلىق بولىدۇ.
    بويى پاكار قىزلارمۇ، پەقەت بەدەن شەكلى ياخشى بولسىلا، ئوخشاشلا تەنناز ۋە چىرايلىق بولالايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى پەقەت بىر خىل بەدەن شەكلى پارامىتى بولۇپ، ھەمىشە بەدەن ئېغىرلىقىغا ئېسىلىۋالماڭ؛ چۈنكى، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا بەدەن شەكلى. گۆش بار بولۇشقا تىگىشلىك يەرلەردە گۆش بار، ئۇرۇق بولۇشقا تىگىشلىك جايلار ئۇرۇق بولسا، يەنىلا گۈزەل بەدەن شەكلى ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇرۇق بولۇشنى قوغلىشىش بىھاجەت بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号