ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گازىر، ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئەسلىدە پىرۇدىن تارالغان؛ 300يىلل ئىلگىرى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىن دۆلىتىمىزگە كىرگەن. ھازىر، گازىر پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىغا كەڭ تارالغان بولۇپ، چوڭ پۇرچاقتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ماي ئىشلەپچىقىرىش ماتىريالى ھىسابلىنىدۇ. گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، كەڭ خەلق ئاممسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشكەن.
گازىرنىڭ قانداق ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرى بار؟
   گازىر، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولغان بىر خىل يىمەكلىك. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، گازىر تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ ۋە مىنرالنى ئىلمىنتلار مول بولۇپ، تەركىبىدىكى ياغنىڭ مىقدارى، ھايۋانات ياغلىرى ۋە ئۆسۈملۈك ياغلىرىدىن ياخشى ئىكەن. چۈنكى، گازىر تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغلار بىر قەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تەركىبىدىكى لېنولىئىك كىسلاتانىڭ مىقدارى %55گە يىتىدىكەن. بۇندىن باشقا، گازىر تەركىبىدە كالىي، كالتسىي، فوسفور، تۈمۈر، ماگنىي قاتارلىقلارمۇ بىرقەدەر كۆپ؛ بولۇپمۇ كالىي تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، يەنە باشقا ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2، ۋىيتامىن Eقاتارلىقلارمۇ بار.
گازىرنىڭ قانداق پايدىلىق ئۈنۈملىرى بار؟
    ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە، گازىرنىڭ خامۇشلىشىش، نىرۋا ئاجىزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، يەنە تېخى ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن. گازىر تەركىبىدىكى كالىي ماددىسىنىڭ، ياشانغانلاردىكى كالىي كەمچىللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان، مۇسكۇللار ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك مۇسكۇلى زەئىپلىشىش، ئىنسۇلىن ئىقتىدارى ئاجىزلاشتىن كىلىپ چىققان دىئابىت كىسىلى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بار ئىكەن.
   گازىرنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىق ماددىلار، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ سۆڭىكى، چىشىنىڭ مۇستەھكەم بولىشىغا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ياشانغانلارنىڭ قان تۇمۇرى ۋە نىرۋىسىنى كۈچلەندۈرۈش، قاندىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار. گازىر تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Eنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىنىڭ ئادەم بەدىنىدە ئوكسىدلىنىشىدىن كىلىپ چىققان ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئوكسىدلانغان ياغلارنى ئاجرىتىپ، قاننىڭ ماي تەركىبنى ۋە قان پىلازمىسىدىكى ئوكسىدلانغان ماددىلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئادەمنى ئۇرۇقلىتىدۇ، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. گازىرنىڭ قان بېسىمىنى ۋە قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتا قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بار؛ بىراق، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىنكى گازىرنىڭ تەركىبىدە تۇز تەركىبى كۆپرەك بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىۋالغاندا، ئەكسىچە قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنى ئاسراشقا پايدىسىز بولىدۇ.
   گازىر تەركىبىدىكى لىنولىئىك كىسلاتانىڭ، تىرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاش، تىرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى ۋە داغ شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. بۇندىن باشقا، گازىرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كىسىلى، تۆمۈر كەمچىل بولۇش تىپىدىكى قان ئازلىق كىسىلى قاتارلىقلارغا قارىتامۇ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار.
گازىر چاققاندا قايسى جەھەتلەردە دىققەت قىلىش كىرەك؟
    گازىرنى بىراقلا كۆپ چېقىۋىلىشقا بولمايدۇ، چاققان ۋاقىتتىمۇ، ئەڭ ياخشىسى قولىمىزدا چېقىپ ئاندىن ئېغىزىمىزغا سېلىشىمىز كىرەك. چۈنكى، چىشىمىزدا چاقساق، ئاسانلا تىلىمىز ۋە ئېغىزىمىزنىڭ بۇرجەك قىسمىنىڭ شەلۋەرەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، گازىرنى ئېغىزىمىزدا چېقىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، تەم سەزگۈمىزنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشتىھانى تۇتىدۇ، ھەتتا ئاشقازاننىڭ  تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۆلگەينىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى يىمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلاپ، باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەش ۋە ئېغىز بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسىنى قوغداش رولى بار بولۇپ، گازىرنى بىراقلا بەك كۆپ چېقىۋەتكەندە، شۆلگەينىڭ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى قۇرىتىۋىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号