كىشىلىك ھاياتتا، بۇ تۆت خىل كىشىلەرنى نائۈمىدتە قويماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئادەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ تەنھا ياشىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، چوقۇم باشقىلار بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئالاقىنى ساقلىشى كىرەك بولىدۇ. ئادەم كىشىلىك ھاياتىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇچرىتىدۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ ھەم نۇرغۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ؛ بۇ جەرياندا، خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھەسرەت، بەخىت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار بولىدۇ. كىشىلىك ھايات مانا مۇشۇنداق ئۆتىدۇ.
بىز بۇ ئۆمرىمىزنى ۋىجدانىمىزغا يۈز كىلەلەيدىغان ھالدا ياشىشىمىز، باشقىلاردىن پايدىلىنىۋىلىشنى ئويلىماسلىقىمىز ھەم باشقىلارغا قەرزدار بولۇپ نائۈمىدتە قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. باشقىلارغا ماددى جەھەتتىن قەرزادار بولۇپ قالساق، ياكى كۆڭۈل قەرزى بولۇپ قالساق، بۇنى ھامان قايتۇرماي بولمايدۇ. بەزى قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ، بىراق بەزى قەرز ۋە ياخشىلىقلارنى قايتۇرۇپ بولغۇچە، ئىلگىرىكى شۇ كىشىلەر بۇ ئالەمدىن خوشلىشىپ، سىزگە قايتۇرۇشقا پۇرسەت قالدۇرماسلىقى، بۇ سەۋەپلىك سىزمۇ ئۆمۈرلۈك ھەسرەت-نادامەتتە قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئادەم كىشىلىك ھاياتىدا، تۆۋەندىكى تۆت خىل كىشىلەرنى نائۈمىدتە قويۇپ قەرزدار بولۇپ قالماسلىقى لازىم؛ شۇنداق بولغاندا، سىز ئاندىن خاتىرجەم ھەم بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.

ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش ھەممىدىن مۇھىم
دۇنيادا بەدەللا تۆلەپ جاۋاپ تەلەپ قىلمايدىغان ئىش بارمۇ دىسە، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، شۈبھىسىزكى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى مىڭبىر مۇشاقەتتە بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كۈتىدىغىنى بالىسىنىڭ جاۋاپ قايتۇرۇشى ئەمەس، پەقەت بالىسىنىڭ ساغلام ۋە بەخىتلىك ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشىلا بولىدۇ. ئاتا-ئانىمىز، بىز بۇ ئۆمرىمىزدە ئەڭ كۆپ قەرزادار بولغان كىشىلەردۇر.
ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە مەڭگۈ كەڭ قوساق بولىدۇ ھەم پەرزەنتلىرىنى مەڭگۈ توغرا چۈشىنىدۇ؛ ئەمما پەرزەنتلىرى بولسا، ھەمىشە ئەڭ ناچار تەرەپلىرىنى ئۇلارغا نامايەن قىلىدۇ، كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ئەڭ چوڭ ئازاپقا قويىدۇ.
پۇل تېپىپ تەرەققى قىلىپ ئاندىن ئاتا-ئانامغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىمەن ياكى ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ياندۇرىمەن دەپ ئويلىماڭ؛ چۈنكى، سىز ئويلىغان ۋاقىتقا يەتكەندە، ئاتا-ئانىڭىز يېنىڭىزدا بولماي قېلىپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىھتىياجلىق بولدىغىنى، سىزنىڭ ھەمراھلىقىڭىزدۇر.
ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ ھەمدە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىڭ ياكى ئۇلارنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇپ كىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىنى غەمسىز ھالدا ئۆتكۈزىشىگە ھەمدەمدە بولۇڭ.

سىزگە ياردەم قىلغان دوستلارنى نائۈمىدتە قويماڭ
كونىلارنىڭ، تۈگمىچىلىك ھىممەتكە تۆگىچىلىك جاۋاپ قايتۇر دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆزى بار. ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كىتىشى ناتايىن، ھامان بەزىبىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. سىز ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا سىز ئۈچۈن ياردەم قولىنى سوزغان دوستلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛ ھەۋاقىت ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشنى ئويلاڭ.
كىشىلەرنىڭ ياردەم قىلماسلىقى نورمال ئەھۋال، چۈنكى باشقىلار سىزگە قەرزدار ئەمەس؛ ئەمما سىزگە ياردەم قىلىشنى تاللىسا، بۇ سىزگە قىلغان ياخشىلىقى ھىسابلىنىدۇ. ھېچقانداق ئادەمنىڭ باشقا بىرسىگە ياردەم بىرىش مەجبۇرىيىتى يوق. بۇنداق دوستلارغا ئۇچرىشالىسىڭىز، ئۇنى قەدىرلەشنى بىلىشىڭىز، ھەرۋاقىت ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماسلىقىڭىز كىرەك. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستىڭىزمۇ قىيىنچىلىققا دۇچار بولسا، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇپ، كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمىقىڭىز لازىم.

يولدىشىڭىز بىلەن جاپالىق كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزگىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
ياپونيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، يازغۇچى بېي يېۋۇ، توي قىلغىلى 40يىل بولغان ئايالىدىن ئاجرىشىپ، 18ياشقا كىرگەن ئاشنىسنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئۇ ئۆز ئىلكىدىكى 20مىليارد ياپونيە يىنى قىممىتىدىكى مال مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى ئايالىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، ئۆزى پەقەت 300مىليۇن ياپۇنيە يىنى قىممىتىدىكى بىر ئۆينىلا ئېلىپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن تورداشلار، ئۇنىڭ مال-مۈلۈكنى جايىدا ئايرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ھەمدە ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئىلگىرىكى ئايالىغا بولغان خىجالەتچىلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، ئاندىن يىڭى مۇھەببىتىنى قوغلىشىش كىرەك دەپ قارىغان.
نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار، ئاجرىشىپ كەتكەن ۋاقتىدا، مال-مۈلۈك تالىشىپ كاللا قاپاقلىرىنى يېرىشىدۇ ھەمدە ئىلگىرىكى ئوتتۇرلۇقتىكى مىھرى-مۇھەببىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيدۇ. ئۇلار ئىلگىرى سىز بىلەن بىرگە جاپا چىكىپ كۈرەش قىلغان؛ ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى ئاشۇ بىللە ئۆتكەن كۈنلەردىكى مىھىر ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، مۇھەببەت قالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرى سىز بىلەن جاپادا بىللە بولغان يولدىشىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئۇلارغا بولغان خىجىللىقىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇڭ.

خىزمەتتىكى رىقابەتچىڭىزنى نائۈمىدتە قويماڭ
خىزمەتتە رىقابەتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش نورمال بىر ئىش بولۇپ، ھەممەيلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ. ئازراق مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ۋىجدانىڭىزغا خىلاپ ھالدا، رىقابەتچىڭىزنىڭ پۇتىغا ھۆل خىش قويىمەن دىمەڭ. بولمىسا، سىز يىڭىپ چىققان تەقدىردىمۇ، ئادەم بولۇشتىكى چەك-پىرىنسىپىڭىزنى يوقىتىپ قويغان بولىسىز.
ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ يىڭىپ چىقىش، ئاندىن ھەقىقى بىڭسى ھىسابلىنىدۇ. خىزمەتتىكى رىقابەتچىڭىزنى نائۈمىدتە قويماسلىق، ئۇ يەنە ئۆزىڭىزگىمۇ ھۆرمەت قىلغىنىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار رىقابەت جەريانىدا، سىزگە ئۆسۈپ-يىتىلىشنى ۋە ئالغا ئىلگىرلەشنى ئۆگەتكەن.