ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بۇ ئۈچ ئىش قالمىغاندا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
     مۇھەببەت ئەسلىدىنلا سۆزلەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر خىل تۇيغۇ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھىس قىلىپ يەتكىلى ۋە كۆزىتىپ بىلگىلى بولىدۇ. بەزىبىر ئىشلارنى ئەرخوتۇنلار قانچە كۆپ قىلغانسىرى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ شۇنچە چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، بەزىبىر ئىشلار بارغانسىرى ئازلاپ كەتسە، مۇھەببەتنىڭ بارغانسىرى سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تويلىشىش مۇھەببەتلىشىشكە ئوخشاش، مۇناسىۋەتنى مۇھەببەت ئارقىلىق توختىماي مۇستەھكەملەپ تۇرۇش لازىم بولىدىغان بولۇپ، ئەگەر مۇھەببەت سۇسلاپ كەتسە ياكى قالمىسا، ئۇنداقتا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئاياغلىشىشقا يېقىنلىشىپ قالىدۇ.
ئوتتۇرلۇقتا پىكىر ئالماشتۇرۇش قالماي، قارشى تەرەپنىڭ گەپلىرى خوشياقمايدىغان بولۇپ قالسا
    بۇنداق ئەر-خوتۇنلار يەنىلا بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پىكىرلىشىش كۆپلىكتىن ئازلىققا، ئازلىقتىن پۈتۈنلەي يوق بولۇشقا تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى كۆرەگە كۆزى، سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغانغا قولىقى قالمايدۇ؛ ھەتتا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پىكىرلىشىشنىڭ ئاز قېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇقۇشماسلىق كۆپىيىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت مەنپى سانغا ئايلىنىپ قالغان ھەمدە مۇناسىۋىتىمۇ ئاخىرىقى نوقتىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولىدۇ.
بىر-بىرىگە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قېلىش
    مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەر-خوتۇنلار ھەر دائىم بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا تۇرىدۇ؛ ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئوخشاش بىلىپ، ئارىدىن بىر تەرەپتە ئازراقلا ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، يەنە بىر تەرەپ شۇھامان بۇنى بايقاپ، دەرھال قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلىشىنى ۋە ھال سورىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىغان بولسا، ئۇلار بىر ئۆي ئىچىدە ياشاۋاتقان ناتۇنۇش ئادەملەردەك بولۇپ قالىدۇ؛ مۇناسىۋىتى ياتلىشىپ، ئارىلىقىمۇ بارغانسىرى يېراقلىشىپ ماڭىدۇ.
بىر ئوراندا ياتمايدۇ
    ئەر-خوتۇنلار ئەگەر خىزمەت ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئايرىلىپ تۇرۋاتقان بولسا، بۇ باشقىچە ئەھۋال بولىدۇ؛ ئەمما بۇنداق ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بىر ئوراندا يېتىشنى خالىمىسا، بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرلۇقتىكى مىھىر-مۇھەببەتتە ئاللىبۇرۇن چاك پەيدا بولغان بولىدۇ. ئۇلار بەلكىم مەلۇم بىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا بىرگە تۇرۇشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما كۈندۈزلىرى ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشاش بىر ئۆيگە كىرىپ چىقىپ يۈرگەن بىلەن، ھەقىقى ئەھۋال، بىر ئۆيدە تۇرۋاتقان ئىككى ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاپ قالغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号