ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
جاھاندا ھەممىدىن ئانا بولماق تەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مەركىزى خەۋەرلەر تور بىكىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپىنلىق 13ياشلىق بىر ئوغۇل بالا كالىتو، تور ئويىنى ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالغان، بىر قېتىم ھەتتا تورخانىدا ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ 48سائەت ئويۇن ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان؛ كالىتونىڭ ئانىسى ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ بالىسىنى توسۇپ بولالمىغان. بىراق، ئانا ئوغلىنىڭ تاماقمۇ يىمەي ئويۇن ئويناپ، ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامالسىز ئوغلىنىڭ يېنىدا تاماق قاچىسىنى تۇتۇپ، ئويۇن ئويناۋاتقان ئوغىلىغا تاماق يىگۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.
    نەخ مەيداندىن ئېلىنغان سۈرەت فىلىمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، كالىتونىڭ ئانىسى بىر تەخسىدە تاماق تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوغلىغان بىر كاپام بىر كاپامدىن يىگۈزۈپ قويغان. كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، بۇ جەرياندا كالىتۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى كومپىيوتىردىن ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئېغىزىدىكىنى يۇتۇپ بولغاندا، ئېغىزىنى داۋاملىق ئېچىپ، ئانىسىنىڭ تاماق سېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان. بىراق، كالىتونىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىمەيلا قالماي، يەنە تېخى ئۇنى تۈزۈكرەك ھۇزۇرلىنىپ تاماقمۇ يىيەلمىگەن دەپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان.
    كالىتونىڭ ئانىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى ئىككى يىل بۇرۇندىن باشلاپ تور ئويىنىغا خۇمار بولۇپ قالغان، ھەمدە كىيىنچە مەكتەپكىمۇ بارالماي، كۈن بويى تورخانىدا ئولتۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزگەن. كالىتونىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۆيدىن سىرتقا چىققى قويماسلىق، ئەيىبلەپ تىللاش قاتارلىق ھەرخىل ئامال-چارىلەرنى سىناپ كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئوغلىنىڭ تور ئويۇنىغا بولغان ھەۋىسىنى توسۇپ قالالمىغان. نىمە ئۈچۈن ئوغلىغا تاماق يىگۈزۈپ قويغانلىقى ھەققىدە توختالغاندا، كالىتونىڭ ئانىسى ئوغلى ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى، نىمە ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    كالىتونىڭ ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر، ئوغلىنىڭ تور ئويۇنى خۇمارىنى تاشلاتقۇزۇشتىكى تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ھەمدە يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئوغلىغا تاماق يىگۈزۈۋاتقان سۈرەتلىك فىلىمنى تورغا چىقىرىش ئارقىلىق، تورداشلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. بىراق كۆپ قىسىم تورداشلار، ئوغلىغان بۇنداق ئامراقلىق قىلىشنىڭ ئازراق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号