ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بەدەننىڭ بەزىبىر تۇغما ئىقتىدارلىرىنى كونتىرول قىلىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىنسانلار جىسمانىيىتى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانىزىملارنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسى تىمپىراتۇرنى يۇقىرىلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، بىزنىڭ يۈزىمىز قىزىرىپ كىتىدىغان ياكى يۈرەك سوقۇشىمىز تىزلەپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۆزىمىزمۇ ھىس قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا—مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋاللار پۈتۈنلەي ئاڭنىڭ كونتىروللىقى سىرتىدا يۈز بىرىدۇ. بىراق، ئەمىلىيەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتىنى ئويلىغانلىرىمىزغا مەجبۇرى بويسۇندۇرالايمىز. مەسلەن، بىز  بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى يىنىكلەتكەن ياكى ئەندىشە قورقۇنچنى تىز سۈرئەتتە بېسىقتۇرغان ھىس تۇيغۇلارنى، ئالدىنئالا مەقسەت قىلغان ئاساستا پەيدا قىلالايمىز.
كۆزلىرىمىزنى قاراڭغۇلۇققا تىز سۈرئەتتە ماسلاشتۇرۇش
    ئەگەر سىز كىچىسى ئويغىنىپ ھاجەتكە چىققان بولسىڭىز، بۇ جەرياندا بىر كۆزىڭىزنى يۇمىۋىلىڭ. بۇنىڭدا قاراڭغۇ ياتاق ئۆيىڭىزگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، كۆزىڭىز قاراڭغۇلۇققا ئادەتلەنگەن بولغاچقا، ھېچقانچە قىينالمايلا سىزنى ياتاق ئۆيدە توغرا يۆنىلىشكە باشلىيالايدۇ.
بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى يوقىتىش
    ئەگەر بۇرنىڭىز پۈتۈپ قېلىپ نەپەسلىنىشىڭىز راۋان بولالماي قالسا، سىز يېنىچە ياتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئوڭ تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكچىڭىز پۈتۈپ قالغان بولسا سول تەرىپىڭىزنى بېسىپ يېتىڭ؛ سول تەرەپتىكى پۈتۈپ قالغان بولسا ئوڭ تەرىپىڭىزنى بېسىپ يېتىڭ.
قورقۇنچ ياكى ئەندىشىنى تۈگىتىش
    قورقۇنچنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەڭزىڭىز بىلەن بۇرنىڭىز ئارىسىغا بىر بوتولكا مۇز سۈيىنى(ياكى بىۋاستە مۇزنى تەككۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ) قويۇپ، نەپەس ئېلىشنى 30 سىكونت توختاتسىڭىز بولىدۇ.
كۆڭۈل ئاينىشنى ياخشىلاش
   ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزنىڭ ئاينىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ياندۇرۇپ سېلىشتىن ئەنسىرگەن بولسىڭىز، سىز ياندۇرۇپ سېلىشتىن ئىلگىرى ئېغىزىڭىزغا شۆلگەي ۋە تۈكۈرۈك توشقىزىۋالسىڭىز، بۇنىڭدا ئورگانىك بىرىكمىلەر، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ ئاشقازاندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلايدۇ.
كىچىك تەرەت كەلدۈرۈش
   ئەگەر سىز دوۋسىقىڭىزنى قۇرۇقدىماقچى بولسىڭىز(مەسىلەن، ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقىش ئالدىدا)، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇۋاقىتتا سىزدە كىچىك تەرەت قىستىغان ئەھۋال يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز بارماقلىرىڭىز بىلەن كىندىكىڭىزنى بېسىپ بەرسىڭىز، ناھايىتى تىزلا ھاجەتخانىغا بارغۇڭىز كىلىدۇ.
تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرىش
    تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرىشنى ئويلاشسىڭىز، ئۇخلاشقا يېتىشتىن ئاۋال ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ. سىز كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشقا ياتقاندىن كىيىن، بەدەن تىمپىراتۇرىڭىز تۆۋەنلەيدۇ؛ ئەمما سىز يۇيۇنغان ۋاقىتتا، بەدەن تىمپىراتۇرىڭىز ئۆرلەيدىغان بولغاچقا، چوڭ مىڭە بۇنى ئۇخلاش سىگنالى دەپ چۈشىنىدۇ.
سىزغۇچ يوق ئەھۋال ئاستىدا تۈز سىزىق سىزىش
    ئەگەر سىزغۇچ يوق ئەھۋال ئاستىدا تۈز سىزىق سىزماقچى بولسىڭىز، سىز ئالدى بىلەن سىزىقنىڭ ئىككى ئۇچ نوقتىسىنى بەلگىلىۋالغاندىن كىيىن، قەلەمنى بىرىنچى ئۇچ نوقتىغا قويۇپ، يەنە بىر ئۇچ نوقتىغا قاراپ قەلەمنى ئادەتتىكىچە سىزىپ تارتسىڭىز، چوڭ مىڭىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇنىڭدا سىز تۈپتۈز كەلگەن تۈز سىزىقتىن بىرنى سىزىپ چىقالايسىز.
پۇتنىڭ پېيى تارتىشىشنى توختىتىش
    ئەگەر پۇتىڭىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان بولسا، سىز پۇتىڭىزنىڭ چوڭ بارمىقىنى "تارتىپ"، ئىمكان قەدەر تىز سۈرئەتتە ئالدى كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرسىڭىز، پەي تارتىشىشنى توختاتقىلى بولىدۇ.
ئەتىگىنى تېخىمۇ بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇش
    ئەگەر سىز ئەتىگىنى بالدۇرراق ئورنىڭىزدىن تۇرماقچى بولسىڭىز، پەقەت ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇنى كۆپرەك ئىچىپ ياتسىڭىز بولىدۇ.
ھارغىنلىقتىن پەيدا بولغان ئاغرىقنى پەسەيتىش
   ئەگەر سىز بەك ھېرىپ كەتكەن بولسىڭىز، ھەمدە پۈتۈن بەدەنلىرىڭىز ئاغرىغاندەك ھىس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا پول ئۈستىدە يېتىپ، ئازراق دومىلاش ھەرىكىتى ئىشلەش بىلەن بىرگە قولىڭىزنى سۇنۇشنى 10-5مىنۇت داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، ئاغرىق تۇيغۇسى تەدرىجى ھالدا يوقايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号