ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پۇت-قولى مۇزلاش ھادىسىسى ۋە قان قۇيۇلۇش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەزى كىشىلەردە پۇت-قولى مۇزلاش ھادىسىسى كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنى قان قۇيۇلۇپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان قان قويۇلۇش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، ئادەتتە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بىئاراملىق بولمايدۇ. ئادەتتە، قان قويۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قان ئايلىنىش ئاستىلاپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنىڭ پۇت قولى نىرۋا ئۇچىغا تەۋە بولۇپ، قان ئايلىنىش ئاستا بولغانلىقتىن، يۈرەككە قان يىتىشمەي، قان سۇيۇقلۇقى نىرۋا ئۇچى قىسىمغا ۋاقتىدا يىتىپ بارالماي، پۇت-قولى مۇزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا، قان قۇيۇلۇش يەنە ماغدۇرسىزلىنىش، ھاسىراش، باش قېيىش، كۆكسى چىڭىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە كۈرۈش قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قان قۇيۇلۇپ قېلىشتىكى ئالامەتلەر
    كۆرۈش قۇۋۋىتى خىرەلىشىپ قېلىش: قاننىڭ قۇيۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەندە، قان سۇيۇقلۇقى كۆرۈش سىزىم نىرىپلىرىغا يىتەرلىك ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كۆرۈش تور پەردىسى ۋە كۈرۈش نىرۋىلىرىدە ئاسانلا قىسقا مەزگىللىك قان يىتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى خىرەلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    باش قېيىش: قان قۇيۇلۇش، قان تۇرمۇرلاردىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشچانلىقىدا بىنورماللىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا، يۈرەك ۋە چوڭ مىڭە، يىتەرلىك بولغان ئوكسىگىن ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە كاپالەتلىك قىلالماي، ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا باش قېيىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ كۈرىلىدۇ، بولۇپمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، ئورنىدىن ئىتتىك تۇرسا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
     پۇت قولى سىقىراش: قان قۇيۇلۇپ قالغاندا، قىل قان تۇمۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاسانلا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان سۇيۇقلۇقى بەدىنىمىزنىڭ ئۇچى قىسىملىرىغا راۋان يىتىپ بارالمايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك پۇت-قوللىرى سىقىراش ياكى مۇزلاش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
قان قۇيۇلۇش كۆرۈلسە قانداق قىلىش كىرەك
     قەرەرللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا، سۇغۇق قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسەك، قاننى سۈرۈلدۈرۈشكە پايدىسى بار. يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ھايۋانات ئىچ ئەزالىرى، تاتلىق يىمەكلىك ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش ھەمدە ھاراق-تاماكىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش كىرەك. يىڭى مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号