ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يوتقان يۆگىنىپ ئاپتۇبۇس ساقلىغان قىز توردا غۇلغۇلا قوزغىدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قىش پەسلىنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن، ھەركۈندىكى ئەڭ ئازاپلىق ئىش، ئەتىگىنى ئىسسىق يوتقاندىن چىقىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بەزىلەر بولسا، "ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان ئىش بولسا، يوتقاننىڭ ئىچىدىلا قىشلىق ئۆچەككە كىرىپ كەتسەم" دىيىشىپ كىتەتتى؛ بىراق ئويلىمىغان يەردىن، يېقىندا نامەلۇم بىر ئاپتۇبۇس بىكىتىدە، دەل مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن: بىر قىز يوتقان يېپىنغان ھالەتتە ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتاتتى.
    گەرچە ھەممەيلەن سىزنىڭ يوتقاندىن چىقىشقا كۆزىڭىز قىيمىغانلىقىنى توغرا چۈشەنسىمۇ، ئەمما سىزمۇ بىۋاستە يوتقاننى يېپىنىپلا سىرتقا چىقماسلىقىڭىز كىرەكتە! بىراق يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇنداق يوتقاننى يېپىنىپلا چىقسا، ئادەمگە بىر خىل مودا تۇيغۇسى بىرىدىكەن! قىزنىڭ بۇ قىلمىشى توردا شۇ ھامانلا غولغۇلا قوزغىدى؛ ئەمما كىيىن ئۇ قىزنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئاغرىپ كىسەل بولۇپ قالغاچقا، شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. تۆۋەندە بىز تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە قانداق ئىنكاسلاردا بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
    تورداش ئا: ئەگەر سىز يالىڭاچ پېتى، ئۈستىڭىزگە يوتقاننى يۆگىنىپلا چىققان بولسىڭىز، تېخىمۇ داڭ چىقىرالايتتىڭىز.
    تورداش ب: يوتقان ئارتىپ سىرتقا چىقىپ خەقنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغان گەپ، ساراڭكەن بۇ قىز.
    تورداش س: بەك ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق؟ ئەگەر راستىنلا ئاغرىپ قالغان بولسا، پەلتۇ كىيىپ، يۈز-بويۇنلىرىنى شارپىدا يۆگىۋالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنىنىڭ كۆپ پايدىسى يوق، ئەڭ مۇھىم بولغىنى كاللىسى.
    تورداش د: كىلەر يىللىق مودا بولىدىغان كىيىم جەھەتتە، مىنىڭ ئازراق ئىلھامىم كىلىپ قالدى.
    تورداش ئې: مەن تېخى ئۇ قىزنى، ئۈستىدىكى يوتقاننى ئەتىگەندە سۇغۇقتا ئاپتۇبۇس ساقلىغاندا يېپىنىپ، ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن كىيىن، ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىدە داۋاملىق ئۇخلايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号