ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇرىدىغان مۇھىتىڭىز تەلىيىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە، كۆڭۈلدىكىدەك بىر تۇرالغۇسى بار بولىدۇ؛ بەلكىم كىچىك بىر شەھەردە دۇنيانىڭ ئاددى-ساددىلىققا تولغان بەختىنى سۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ياكى دېڭىز بويىدىكى داچىدا، ھەشەمەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. سىز قەيەردە تۇرسىڭىز، سىزنىڭ قەلبىڭىز شۇ جايدا، سىز تەلپۈنىدىغان ئىللىق ئائىلە شۇ جايدا بولىدۇ. تۇرىدىغان مۇھىت ۋە ھالەت، بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك خارەكتىرىنى ھەممىدىن بەك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولۇپ، مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز تۇرغان مۇھىت، سىزنىڭ تەلىيىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
پاكىز ھەم رەتلىك كەلگەن ئائىلە مۇھىتى، بايلىق تەلىيى ئېلىپ  كىلەلەيدۇ
    تۇرالغۇ ئۆي خۇددى بىر پارچە ئەينەككە ئوخشاش، بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى ۋە تۇرمۇش ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى پاكىزە ھەم رەتلىك، ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارامبەخىش بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئائىلە كىشىلىرى چوقۇم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان كىلىدۇ؛ باشقىلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بېرىشقا ئامراق بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئائىلە ئاۋات كىلىدۇ، بايلىق جەھەتتىكى تەلىيىمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ.
    ئەگەر سىز ئۆيىڭىزنىمۇ تازىلىمىسىڭىز، سىزنىڭ ھاياتلىق تۇرمۇشىڭىزدىن ئېغىزمۇ ئاچقىلى بولمايدۇ؛ سىز پەقەت ئۆزىڭىز تۇرىدىغان جاينىڭ پاكىزىلىقىنى ساقلىسىڭىز، سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىز ئاندىن توسالغۇسىز ھالەتنى ساقلىيالايدۇ.
    ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ئادەمنىڭ بايلىق جەھەتتىكى تەلىيى ھەمىشە تىشىپ تۇرىدۇ. ئائىلىڭىزنى سۆيگەنسىرى، پۇلىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ پۇلىڭىز قانچە كۆپ بولغانسىرى، ئائىلىڭىز شۇنچە گۈزەللىككە تولىدۇ. پاكىز، ئىللىق بولغان ئائىلە، سىزنى تىرىشىپ ئىشلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ؛ سىز تىرىشىپ ئىشلەپ تاپقان پۇللاردا ئۆيىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى تۈزەشتۈرۈپ زىننەتلەيسىز، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرلىقىدا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتى بار. ئەكسىچە، ئەگەر سىز ئائىلىڭىزنى مەينەت، قالايمىقان تۇتسىڭىز، كىشىلەر سىزدىن يېراقلىشىدۇ، بايلىقمۇ سىزدىن قاچىدۇ؛ بۇخىل يامان خارەكتىرلىك ئايلانما تەسىرىدە، سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىز بارغانسىرى ناچار بولۇپ كىتىدۇ.
    ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرالغۇ ئۆيىڭىز ھەر ۋاقىت چوقۇم پاك-پاكىز ھەم رەتلىك، پاقىراپ تۇرىدىغان ھەم ھاياتلىق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولسۇن؛ بۇنىڭدا سىزنىڭ تۇرمىشىڭىز ئاندىن ئوڭۇشلۇق ھالەتتە تەرەققى قىلىپ، يۇقىرىغا يەنە بىر بالداق ئۆرلىيەلەيدۇ.
ياخشى خوشنا، سىزنىڭ ئادەم بولۇش قاتلىمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ
    كونىلاردا "يېراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشناڭ ياخشى" دىگەن گەپ بار؛ ياخشى خوشنا بەزىدە يېراق تۇققانلاردىن نەچچە ھەسسە ياخشى كىلىدۇ.
   ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر سىز خوشنىڭىز بىلەن ھەر دائىم دىگۈدەك زىددىيەتلىشىپ ئۆتسىڭىز، ئۇنى-بۇنى تالىشىپ، يۈز كۆرۈشسەڭلەر بىر-بىرىڭلارغا تەتۈر قاراپ يۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلار ياخشى ئۆتەلەرمۇ؟ بۇنىڭدا سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىپلا قالماي، يەنە تېخى سىلەرنى دەرت-ئەلەمگە تولغان قىلىپ قويىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، سىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە چەمبىرىكىڭلارنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولالمايدۇ.
   ياخشى خوشنىلار، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىدۇ ھەمدە ئۆز-ئارا يول قويۇشۇپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ھەم بىر-بىرىگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشىدۇ؛ چەكتىن ئېشىپ ئاۋارە قىلىۋەتمەيدۇ ھەم مۇۋاپىق تۈردىكى كۆڭۈل بۆلۈشنى ساقلايدۇ؛ ئۆز-ئارا ئىشىنىشپ، بىر-بىرىگە تايانچ بولىدۇ. ياخشى خوشنا، يەنە سىزنىڭ كۆكسى-قارنىڭىزنى تېخىمۇ كەڭ، قەلبىڭىزنى ئۈمىد نۇرلىرىغا تولغان قىلالايدۇ.
    شۇڭا تۇرىدىغان جاي تاللىغاندا، چوقۇم ياخشى خوشنا تاللاش كىرەك. ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ياخشى بولغاندا، تۇرمۇش ئاندىن ئىجىل-ئىناقلىققا ۋە بەخىت تۇيغۇسىغا تولىدۇ. مۇنەۋۋەر كەلگەن چەمبىرەك ئىچىدە، سىزنىڭ تۇرمۇش قاتلىمىڭىز ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە ئىرىشەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号