ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر ئايرىلىپ كەتكەن مۇھەببىتىنى ئۇنتىيالمىسا...
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كونىلاردا "نىكاھ غايىپ" دىگەن گەپ بار. ئادەتتە قىزىق مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىز "تەقدىر پىشانىگە" ئىشىنىمىز؛ ھەممىمىز، پەقەت تەقدىرىمىز قوشۇلغان بولسىلا، ھەر جايلاردا بولساقمۇ، ھامان بىر كۈنى ئۇچرىشىمىز دەپ قارايمىز؛ لىكىن كىيىنچە بىرگە بولغان تەقدىردىمۇ، ھاياتلىقنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە بۇلۇشقا ھېچقايسىمىز كاپالەتلىك قىلالمايمىز. تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ئايرىلىپ كەتكەن بىر جۈپلەرنى كۆرگەندىن كىيىن، بىزمۇ بىر كۈنى ئايرىلىپ كىتىپ قالارمىزمۇ دەپ ئەنسىرەپ ، قارشى تەرەپكە "سىزنى بىر ئۆمۈر سۈيىمەن" دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدۇق .
     ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغاندا، بۇ ھىسياتنى داۋاملاشتۇرغۇسى كەلمەيدۇ، ئايرىلىپ كىتىش قارشى تەرەپكە نىسبەتەن رەھىمسىزلىك ھىسابلانسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش بۇلىدۇ؛ ئادەتتە ئايرىلىپ كىتىش تەكلىپىنى ئەرلەر ئاۋال ئوتتۇرغا قويمايدۇ، چۈنكى ئەر كىشى ئاياللارنىڭ كۆز يېشى قىلىشىغا چىدىمايدۇ. ئەمما ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئەر كىشى يەنە سىزگە تۆۋەندىكى تۆت جۈملە سۆزنى ئېيتسا ، ئەمىلىيەتتە ئۇ سىزنى يەنە ياخشى كۈرىدۇ.
"خەيرىلىكەچ، قەدىرلىگىم"
     سىلەر بىرگە بولغان ۋاقتىڭلاردا، ئۇ ھەر كۈنى كەچلىگى سىزگە ئۈندىداردا ياكى تېلفۇن قىلىپ "خەيرىلىككەچ" دەيدۇ؛ بىر مەزگىلدىن كىيىن، بۇ خىل ھالەت ئۇنىڭ سىزنى سۆيىدىغان بىر شەكلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ سىلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ، ئۇ ئادەتلەنگىنى بويىچە ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا، سىزگە "خەيرىلىكەچ" دەپ سالىدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. سىلەر ھازىر گەرچە ئايرىلىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ، ئۇ يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش سىزگە كۆڭۈل بۈلۈشنى ئويلايدۇ ھەم سىزنىڭمۇ بىر ئېغىز "خەيرىلىكەچ" دەپ جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇ سىز بىلەن ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك مۇھەببەتلىشىش ھالىتىنى ساقلاۋاتقاندەك ھىس قىلىپ، خۇددى ئىلگىرىگە قايتقاندەك بۇلىدۇ.
  "يېقىندىن بىرى ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟"
    قەلبىدە سىزنى يەنىلا ياخشى كۈرىدىغان ئەر كىشى، سىلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ سىزنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقىنىڭىزنى بىلگۈسى كىلىدۇ؛ مەيلى دوستىڭىز ياكى ئىلگىركى ئوغۇل دوستىڭىز سالاھىيىتىدە بولسۇن، ئۇ سىزنىڭ ئىزچىل ياخشى ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بەزىدە ئايرىلىپ كەتكىنىڭلارغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزنى ئىزدەپ، سىزدىن قايتا قايتا "يېقىندىن بېرى ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟" دەپ سورايدۇ.
    سىلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۇ يەنىلا سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىزدەك سىزگە كۆڭۈل بۈلۈشنى ئويلايدۇ، سىزنىڭ ياخشى ئۆتىۋاتقىنىڭىزنى بىلسە ئۇ خاتىرجەم بۇلىدۇ.  بۇئەھۋال، گەرچە سىز ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتىش تەكلىپىنى قويغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش سىزنى سۆيدىغانلىغىنى، پەقەت سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا ئۇنىڭ يەنە سىزگە قۇچاق ئاچىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ .
"مەن سىزنى يەنە چۈشەپ قاپتىمەن"
    بىزدە "توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال" دىگەن ماقال – تەمسىل بار؛ سىز بىرسىنى بەك سېغىنغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇخلىسىڭىزمۇ مىڭىڭىزگە ئۇنىڭ سىماسى تولۇپ، چۈش كۆرسىڭىزمۇ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئەسلىمىلىرىڭىزنى چۈشەيسىز. ئەگەر سىلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ يەنە ھەمىشە سىزگە "سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن" دىسە، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە تېخىچە سىزنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيۋاتقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ .
    ئۇنىڭ مىڭىسىدە ھازىرمۇ سىزنىڭ سىمايىڭىزنىڭ گەۋدىلىنىپ تۇرىشى، ئۇنىڭ ھازىرمۇ سىزنى سۆيىدىغانلىغى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشىڭىزنى ئويلاپ باقمىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ سەۋەبلىك، سىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە بولغان سېغىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ؛ ھەر مىنۇت ھەر سىكونتتىكى سىزگە بولغان سېغىنىىشى، ئۇنىڭ چۈشىدە پۈتۈنلەي سىزنىڭ سىمايىڭىزنىڭ بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
"ئۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ ؟"
    بەلكىم سىلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن،  سىز ئاۋال يىڭى ھەمراھ تېپىۋىلىشىڭىز مۇمكىن؛ لىكىن مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەر كۈنى دوستلار چەمبىرىكىنى يىڭىلاپ، سىزنىڭ باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولغىنىڭىزدا خوشالمۇ ئەمەسمۇ بىلىپ باققۇسى كىلىدۇ.  سىلەرنىڭ مۇھەببەتلەشكەن ھالىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى سىزنىڭ ھازىر خوشال ئىكەنلىكىڭىز بۇلۇپ، كەينىدىنلا يۈرىگى ئېچىشىدۇ: ھازىر سىزگە ھەمرا بۇلىۋاتقان ئۇ ئادەم نىمە ئۈچۈن مەن ئەمەس؟
    ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارغا سوقۇنۇپ كىرىۋالمايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا نىسبەتەن، سىزنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، سىزنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشىڭىزنى كۈرۈشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىزدىن "ئۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ؟" دەپ سورايدۇ؛ ئۇ سىزنىڭ ھازىرقى ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى،  ئۆزىنىڭ ئورنىدا سىزنى ياخشى سۈيۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号