ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆگەي بالىسىنى خورلىغان رەھىمسىز ئايال جاجىسىنى يىدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئامرىكا تېكساس شىتاتىدىكى 37ياشلىق بىر ئايال، يېقىندا 28 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ چۈنكى ئۇ ئايال 9ياشلىق ئوغلىنى ئاچ قويۇپ ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەن ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان، ئۇنى يۆگەك سېلىشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە مەينەت تام ئىشكابىنىڭ ئىچىگە سۇلاپ قويغان.
    بۇ ئايالنىڭ ئسىمى تامىي. بىلمىر بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىغان ۋە بالىلارغا زىيان يەتكۈزگەن دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
   تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئايالنىڭ ئۆگەي ئوغلى جوردان قۇتقۇزۇلغان ۋاقىتتا، بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 29قاداق(تەخمىنەن 26 جىڭغا تەڭ) كەلگەن؛دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جوردا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، "چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان كىشىلەر"دەك بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنى كۆك زىدىلەر ۋە ئىششىق جاراھەتلەرگە تولغان ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن زىيادە تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى.
    جورداننىڭ دادىسى(يەنى،تامىي.بىلمىرنىڭ ئىرى)، 2016-ىلى جىنايىتىگە ئىقرار بولۇپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
    2014-يىلى بىلمىرنىڭ 16ياشقا كىرگەن ئۆز ئوغلى ساقچى تەرەپكە بۇ بىر جۈپ ئەرخوتۇننى پاش قىلغان.
    بالىلار كىسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ دىيىشىچە، جوردان ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانى جەھەتتىن خورلاشقا ئۇچرىغان ھەمدە ئادەتلىنىش خارەكتىرىدىكى ئاچ قېلىشقا ئۇچرىغان؛ ئەگەر ئۇ ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋىلىنمىغان بولسا، ئۇ بەلكىم نەچچە كۈندىن كىيىنلا ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
    تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، جوردانغا ھەر كۈنى بىرپاچە بولكىلا بىرىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر شۇ بولكىنمۇ تىزدىن يەپ بولمىسا، ئۆگەي ئانىسى تەرپىدىن تارتىۋىلىنىدىكەن. بىلمىرنىڭ ئۆزىنىڭ باشقا بالىلىرى بولسا تاماق جوزىسىدا ئولتۇرۇپ تويغۇچە تاماق يەيدىكەن.
    جورداننىڭ دادىسى، ھەتتا ئۆيگە مىھمان كەلگەندە جورداننىڭ تىنچ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھۇشسىزلىنىش دورىسى ئىچكۈزۈپ قويىدىكەن.
    جورداننىڭ 16ياشقا كىرگەن دادا بىر ئانا باشقا ئاكىسىنىڭ ساقچى تەرەپكە ئېيتىشىچە، ئۇ باشقىلارنىڭ جورداننى كاللىسىدىن تۇتۇپ تامغا ئۈستۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.
    تامىي.بىلمىرنىڭ ئىككى ئۆز ئوغلى تېكساس شىتاتى سوتىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە ۋە سودىيە ھۆكۈمنامىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، تامىي بېلمىر ئەقلىدىن ئاداشقاندەك ھالغا كىلىپ قالغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号