ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى قىسقا چاچ پاسونلىرى سىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغۇسى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۈز پەسلى قىسقا چاچ ياسىتىش پەسلى. ئۇزۇن پەلتۇ ياۋرۇ-ئامىرىكا مودىكەشلىرىنىڭ ئامرىقى بولۇپ، ھەر خىل رەڭدىكى كۆرۈش سىزىم تۇيغۇسى، مودا پاسونلارنىڭ جەلپكارلىقى، ئۇزۇن پەلتۇنىڭ سىزنى ئىگىز كۆرسىتىشى ھەمدە نەپىس لاھىيىلەنگەن قىسقا چېچى، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل كەلگەن ياسىنىش ئوبرازىنى يارىتىدۇ.
    تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، بىرنەچچە خىل ياۋرۇ-ئامرىكا ئۇسلۇبىدىكى قىسقا چاچ پاسونلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!
 
★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★
 
 
    ئىسسىقلىق ساقلاشتا پەلتۇغا تايىنىمىز، مودا تۇيغۇسىغا ئىرىشمەكچى بولساق چاچ پاسونىمىزغا تايىنىمىز. ئۇزۇن پەلتۇغا بويۇن تەڭلىكىدە كىسىلگەن چاچ پاسونىمىز قوشۇلسا، ئومۇمىيلىق جەھەتتىكى مۇكەممەل نىسبەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بويۇن تەڭلىكىدە ياسالغان قىسقا چاچ كۈز پەسلىنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان بولۇپ، چېچىڭىزنىڭ ئىككى مەڭزىڭىزگە چۈشىدىغان تەرەپلىرىنى ئازراق ئۇزۇنراق قالدۇرسىڭىز، قاتلاملىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، قىزىل پەلتۇ بىلەن ماسلىشىپ، بۇ كۈز پەسلىگە بەلگىلىك ئىللىقلىق تۇيغۇسى قوشىدۇ.
    ئوخشاشلا بويۇن تەڭلىكىدە ياسالغان پاسون، ئەمما بۇ پاسوننىڭ ئوخشىمايدىغان يىرى چاچ قۇيرۇق تەرىپى دولقۇنسىمان شەكىلدە ياسىلىدۇ. قىسقا چاچنىڭ دولقۇنسىمان شەكلى بەلكىم ئۇزۇن چاچنىڭكىدەك لاتاپەتلىك كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بۇ سىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاددى ھەم يېقىملىق تۇيغۇسى قوشىدۇ.
    مۈرە تەڭلىكىدە ياسالغان چاچ پاسونى، ھوشۇقىڭىزغىچە كىلىدىغان پەلتۇ ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن بولۇپ، سىزنى پۈتكۈل كۈز پەسلىدە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىچىك قىزلاردەك كۆرسىتىدۇ.
    ئاسىيا قىتئەسىدە ئاق رەڭلىك چاچ پاسونى كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ياۋرو-ئامىرىكا مودىكەشلىرىنىڭ قوغلىشىدىغان چاچ پاسونلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۈچتە يەتتە ئايرىلىپ، ئىچىگە ئازراق ئىگىلگەن ئاق قىسقا چاچ، ئاق رەڭلىك پەلتۇغا ماسلاشتۇرۇلسا، كۈز پەسلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
    ئىنچىكە ھەم پارچە شەكىلدە خالىغانچە ئايرىلغان بۇ خىلدىكى چاچ پاسونى، سىزنى ئۇچۇق مىجەز كۆرسىتىدۇ.
    ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار تېخىمۇ ئاياللىق نازاكىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كىرەك؛ مۈرە بىلەن تەڭ ياسالغان ھەمدە يان تەرەپ تۈز تارتىلغان چاچ پاسونى سىزنى چەبدەس ئەمما ئاياللىق نازاكىتىنى يوقاتمىغان كۆسىتىدۇ. سۇس رەڭلىك چاچ رەڭگى بىلەن قېنىق رەڭدىكى پەلتۇ ماسلاشتۇرۇلسا، مۇكەممەل بولغان رەك نىسبىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئۇچۇق ھەم ماسلىشىشچان كىلىدۇ.
    مۈرە بىلەن تەڭ ياسالغان، يان تەرەپ تۈز تارتىلغان چاچ پاسونى، قېنىق رەڭ تۈرىدىكى چاچ رەڭگى بىلەن سۇس رەڭ تۈرىدىكى پەلتۇ كىيىۋالسىڭىز، گۈزەللىكىڭىزگە سۆز توغرا كەلمەيدۇ.
    ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى مۈرە بىلەن تەڭ ياسىلىپ ئوتتۇردىن ئايرىلغان، تۈز تارتىلغان چاچ پاسونى ھەم كىلاسسىقلىققا ئىگە بولغان ھەم مودىلىقىنى يوقاتمىغان بولۇپ، تەبىئى كەلگەن چاچ رەڭگى بىلەن قوشۇلۇپ، سىزنى لاتاپەتلىك قىياپەتكە ئىگە قىلىدۇ.
    قىسقا چاچلار ئوماقلىق ئىچىدە گۈزەللىكنى يوقاتمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇردىن ئايرىلغان قىسقا چاچ، تەبىئى بۈدۈرلىكى ۋە رەڭگى سىزنى نۇپۇزلۇق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئوماقلىقىڭىزنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
   مۈرىدىن ئاشۇرۇپ لاھىيىلەنگەن ئوتتۇرا ھال ئۇزۇنلۇقتىكى چاچ، چاچ رەڭگىنى تەدرىجى ئۆزگىرىپ ماڭغان شەكىلدە ياسىتىشقا ماس كىلىدىغان بولۇپ، چاچنىڭ قۇيرۇق قىسمى سۇس رەڭدە كىلىدىغان قىلىپ ياسىتىلسا، چاچنىڭ ئېغىرلىق تۇيغۇسىنى يىنىكلىتىپ، سىزگە ئازادىلىك ھىس قىلىدۇرىدۇ ھەم مودا كۆرسىتىدۇ.
    ھەممىسى كەينىگە تارىلىدىغان، ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ ئازىيىپ بارىدىغان شەكىلدە مۈرە تەڭلىكىدە ياسىتىلغان چاچ، ئۇزۇن پەلتۇ بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا سىز ئەڭ "قاملاشقان" قىزبالىغا ئايلىنىسىز.
 
    قولاق ئىگىزلىگىدە كىسىلگەن قىسقا چاچ، قارا رەڭلىك چاچ رەڭگى، پىشانىسىدىكى تۈپتۈز كىسىلگەن چاچ ئالدى تەرەپ، شەرق ئەللىرىنىڭ يېقىملىق ھەم ئوماقلىق تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ بۇنىڭغا قالپاق ماسلاشتۇرۇلسا، مودا تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号