ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللار كۈندە بەش چىلان يەپ بەرسە تۆۋەندىكىدەك پايدىسىنى كۆرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تېرە ئاسراش، ئاياللارغا نىسبەتەن بىر مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ، مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. لېكىن، ئەگەر رەڭگى رويىم قىزىل تۇرسۇن دېسىڭىز، ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئىش، قان ماغدۇر تولۇقلاش. نۇرغۇن ئاياللار، قان ماغدۇر تولۇقلاش جەھەتتە، بىرىنچى بولۇپ چىلاننى تاللايدۇ.
   چۈنكى، چىلاننىڭ مۇزەككەر ۋە مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار بولۇپلا قالماي، ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى بىر قان تۇلۇقلاش ئۇزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا بەزى ئاياللار، چىلان ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلاشنى ئويلايدۇ.
   چىلان ئاياللارغا ھەقىقەتەن پايدىلىق. بىراق، ئەگەر سىز ھەر كۈنى ئەتىگەن ئاچ قورساق بەش تال چىلان يەپ بىرىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، بىر ھەپتىدىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بەش خىل پايدىسىنى كۆرىسىز.
قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش
   تېرە قېرىپ كىتىش، ھەر بىر ئايال كىشى كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر ئىش، شۇڭا ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭدا، چىلان يامان ئەمەس بىر تاللاش بولۇشتۇر. چۈنكى، چىلاننىڭ تەركىبىدە Bئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلار مول بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇرلارنى توسۇۋالغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تېرىنى ياخشىلايدۇ.
چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش
   چىلان تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار مول، شۇڭا تېرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاش، تېرە ئاسراش ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك.بىراق، بۇ ئۈنۈمگە يىتىش ئۈچۈن، چىلاننى ئىستېمال قىلغاندا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا تېرە ئاسراش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ چىلاننى ئەڭ ياخشىسى خام پېتى يىسەك، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ساقلىنىپ قېلىپ، تېرىمىز تېخىمۇ سىيلىق بولۇپ كېتىدۇ.
چىراينى قىزىللاشتۇرۇش
   قان، ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ ئەگەر ئايال كىشىدە قان ئاز بولسا، چىرايى ئاقىرىپ تاتىراڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، قان تۇلۇق ئاياللارنىڭ بولسا رەڭگى رويى قىزىل كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارغا نىسبەتەن قان تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم.
  قىزىل چىلان تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان مىكرو ئىلمىنتلار بار، بولۇپمۇ تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول؛ تۆمۈر ماددىسى بولسا، ئادەم بەدىنى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى بىرىكتۈرۈش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار بىر مەزگىل چىلان ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىكى تۆمۈر خاراكتېرلىك قان ئازلىق ئالامەتلىرى، بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.
نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
   چىلان تەركىبىدىكى مىنرالنى ماددىلار ۋە ئاقسىللار ئىنتايىن مول، بۇندىن باشقا يەنە بەلگىلىك مىقداردا مىۋە شېكىرى ۋە مىۋە كىسلاتاسى بار؛ بۇ خىل ماددىلارنىڭ نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. شۇڭا ئاياللار چىلاننى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئويناپلا قويماي، يەنە بەدەننىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، قالايمىقان چۈش كۆرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号