ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىسىڭىز بالىياتقۇڭىز سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-05-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىياتقۇ ئۆسمىسى كۆرۈلگەن ئاياللارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بۇ خىل كېسەللىك، كۆپىنچە 50-35 ياش ئارىسىدىكى ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ؛ لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بويان، بۇ كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش دائىرىسى، بارغانسېرى  ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل كېسەللىك كۈندىلىك ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىنتايىن ئاجىز بىر ئەزا، ئەگەر ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بارمىغاندا، بالىياتقۇ ئۆسمىسى تەدرىجىي ھالدا سىزگە يېقىنلىشىدۇ. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ "تەبىئىي دۈشمىنى" بولۇپ، ئاياللار كۆپلەپ ئسىتېمال قىلىپ بەرسە، قاننى جانلاندۇرۇپ بالىياتقۇدىكى ئۆسمىنى يوقىتىدۇ، سىزنىڭ بالىياتقۇڭىز سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ.
داڭگۇي يىلتىزىنى سۇغا چىلاپ ئىچىش
   داڭگۇي يىلتىزىنىڭ(归根) بەلگىلىك دەرىجىدە قان جانلاندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئەگەر ئۇنى سۇغا چىلاپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرساق، بالىياتقۇ ئىچكى قىسىمدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىياتقۇ ئىچىدىكى قېيىۋالغان قان ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەننىڭ سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىياتقۇنى تېخىمۇ پاكىزە قىلىدۇ.
كۆممىقوناق
   كۆممىقوناق تەركىبىدە سېلىن ماددىسى بىلەن ماگنىي ماددىسى مول؛ بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىياتقۇ ئۆسمىسى، ھۆل بەلغەملىك ئۇيۇشما قان سەۋەبىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، كۆممىقوناقنىڭ بولسا ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. شۇڭا بالىياتقۇ ئۆسمىسى بار ئاياللار، كۆممىقوناقنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
دۇريان دەرىخى(榴莲)
   دۇريان دەرىخىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ سوغۇق يەلنى ھەيدەش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ئازابىنى تارتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇ يەنە قورساق قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلىيالايدىغان بولۇپ، بەدەن تىمپىراتۇرۇسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بالىياتقۇسى سۇۋۇپ كەتكەنلەر ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قارا بۆلجۈرگەن(黑莓)
   قارا بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق؛ بىرلا ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىنى ياخشىلاپ، قان ئازلىق كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
زىسەي(紫菜)
   زىسەي تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ كىسلاتالىق ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بالىياتقۇ ئىچكى مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار، ئادەتتە زىسەينى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسەك، بالىياتقۇ ئۆسمىسى بەلكىم ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号