ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاجراشقان بىر ئايالنىڭ باشقا ئاياللارغا قىلغان نەسىھىتى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۆۋەندىكىلەر  ئاجراشقان، 30 ياشلىق بىر ئايالنىڭ بارلىق ئاياللارغا قىلغان نەسىھىتى؛ مەيلى توي قىلغان ياكى تېخى توي قىلمىغان ئاياللار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.
1. ئاياللار مەيلى ئىقتىدار ياكى چىراي جەھەتتىن بولمىسۇن، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشقا تىرىشىشى كىرەك.
    ئەستايىدىل ئاياللار ئەڭ گۈزەل بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش ھوقۇقى بار، ئەمما چوقۇم ئەستايىدىل بولۇش كىرەك؛ ئۆزىگە، خىزمەتكە، تۇرمۇشقا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا شۇنداق. بۇنداق ئاياللار تۇغۇلما گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىدىغان لاتاپەت بولىدۇ، پەقەت بۇ خىل گۈزەللىكلا ۋاقىت بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىشالايدۇ.
2. ياخشى ئەرلەر ئادەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئايالىغا بولسا تەلەپ قويمايدۇ.
    ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدىغان پوزىتسىيەدە بولۇپ، قىز دوستىغا قارىتا بولسا تۈرلۈك تەلەپلەرنى قويىدىغان ئەر كىشىدىن ئەڭ ياخشىسى يېراق تۇرغان ياخشى؛ چۈنكى بۇنداق ئەرلەرنىڭ تويدىن كىيىن، تولا كوتۇلدايدىغان ئەرلەردىن بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ. ئاياللارنىڭ تەلىپى ھېچبولمىغاندا ئىرى تەرپىدىن ھۆرمەتلىنىش بولۇپ، ئايالىغا ۋاقىراپ-جاقىراپ ھەممە ئىشقا چات كىرىپ يۈرىدىغان ئەرلەرنى ياخشى ئەر كىشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
3. ياتلىق بولۇشتا،  بولغۇسى ئىرىڭىزنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى ۋە مىجەز-خارەكتىرىگە قارىشىڭىز كىرەك.
    ئوخشىشىپ كىتىدىغان مىجەز خۇلق، ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھاياتلىق قارىشى ۋە پۇل-مال قارىشى  تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى. خۇلقى ئوخشاش بولمىسا، ئىككى ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشىدا چىقىشالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنى تۇغۇلما بىر جۈپ ئىكەنسىلەر دىسىمۇ ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ؛ چۈنكى ھەرنىمە دىگەن بىلەن سىزنىڭ كىيىنكى ئۆمرىڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتىدۇ.
4. ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
     بۇ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ پۇلى بار يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىناق-ئتتىپاقمۇ ئەمەس، بىر-بىرگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ يوق دىگەن مەسىللەرگە قاراپ بېقىڭ دىگەنلىك.
    ئەگەر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىچىدە، ئەرلەر ئايالىنى ئۇرىدىغان ئىش بار بولۇپ، باشقىلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن چاتىقى بولمىسا، بىلمىگەنگە سېلىپ يۈرىۋەرسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كىيىنچە سىزنىڭ ئۆلۈپ-تىرىلىشىڭىز بىلەن چاتىقى بولمايدۇ. ھەممە ئائىلىدە يىتەرسىزلىكلەر بولىدۇ؛ سىز ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ پۇزۇتسىيىسىنى ئىنىق سوراپ بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك؛ چۈنكى بىر تەزدە قارغۇلارچە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنىلا بىلىدىغان ئەر كىشىنىڭ قەلبىدىكى، ئايالىغا بولغان ھۆرمەتلەش چەكلىك بولىدۇ.
5. سىزنى ئۇرىدىغان ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ؛ سىزنى بىر قېتىملار ئۇرۇپ سالسا، ئۇنىڭدىن چوقۇم ئايرىلىپ كىتىشىڭىز كىرەك.
    ئائىلە زوراۋانلىقىغا يۈزلىنىشى بولغان، ئاياللارنى ئۇرىدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئايرىلىپ كىتىش كىرەك.
6. ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپى ۋە قوغدايدىغان ئاخىرقى چېكى بولۇش كىرەك.
    ھەرگىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ غۇرۇرىدىن ۋاز كىچىپ، ئاتا-ئانىڭىزدىن يۈز ئۆرىمەڭ، خىزمىتىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. چوڭقۇر مۇھەببەت، ياخشى چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇشى كىرەك، ھەرگىزمۇ بىر تەرەپلا قۇربانلىق بىرىپ بەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كىرەك.
7. گەپ بولسا ئۇچۇق دىيىش كىرەك.
     قانداق ئوي-خىيالىڭىز بولسا، بىۋاستە ئېيتىڭ؛ ئەرلەرنى پەرەز قىلىپ تېپىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماڭ؛ ياخشى بولغان پىكىرلىشىش، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بەخىتلىك قىلىدۇ.
8. ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قوبۇل قىلىڭ، ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ.
    ئەگەر ئۇ ئۆزگەرتەلىسە تېخىمۇ ياخشى، بولمىغاندا سىز ئۇنى قۇبۇل قىلالامسىز يوق ياخشى ئويلىنىشىڭىز كىرەك. توي قىلىشتىن ئىلگىركى ھەممە كەمچىلىك، توي قىلغاندىن كىيىن مۇبالىغىلەشتۈرۈلىدۇ. ئۇ تاماكا چىكىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىسىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشىڭ؛ چۈنكى تويدىن كىيىن تاماكا تاشلىغان ئەرلەر ناھايىتى ئاز ساندا، باشقا جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش
    مەيلى سىز ھازىر قايسى باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولماڭ، ئۇن،ياغ،گۈرۈچ،تۇز دىگەندەك ئاددىيلىققا تولغان تۇرمۇش جەريانىدا ئىزچىل تۈردە سىزگە ھەمرا بولغان، سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاشۇ ئادەمنى خالىغانچە رەنجىتمەڭ. شۇنچە چوڭ دۇنيادا، ئىككىڭلارنىڭ ئۇچرىشىپ مۇھەببەتلەشكىنىگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلماڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号