ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قىزچاق، سىزگە كۆينەك يارىشامدۇ ياكى ئىشتانمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۈز پەسلىگە قەدەم قويدۇق. ھەر يىلى كۈز پەسلى كەلگەندە نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلىرىمىز، ئۆزىنىڭ كىيىم ئىشكابى قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ، نىمە كىيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ؛ ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەلۋەتتە بازاردىن سېتىۋالىسىز.
    كىيىم سېتىۋالغاندا تاللاش لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان كىيىمنى سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز سىزگە كىيىم ماسلاشتۇرۇشتىكى كىچىك بىر ئەپچىل چارىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: ئادەتتە سىزگە كۆينەك بەكرەك يارىشامدۇ ياكى ئىشتانمۇ؟ بۇ مەسىلە سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىز تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، سىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بەدەن ئالاھىدىلىكىڭىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىشتان كىيىشىڭىزنى ياكى كۆينەك (ياكى يوپكا) كىيىشىڭىزنى بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.
1. ساغرا ئايلانمىسى چوڭراق كەلگەن قىزلار
    مەيلى خىزمەتچى ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ كۈرلىدىغان ھالەت ئولتۇرۇش بولۇپ، بۇ ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا، قىزلارنىڭ ساغرىسى چوڭۇپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ئاساسى جەھەتتىن ئىشتان بىلەن خوشلاشقان بولىسىز؛ چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشتان سىزنى سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئەكسىچە كۆينەك ياكى يوپكا بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكىنى يۆگەپ كىتىدۇ؛ سىزمۇ كىملەر قانداقلار قارىسا، ھەممىگە گۈزەل كۆرنىسىز.
2. مۈرىسى تار كەلگەن قىزلار
    نۇرغۇن قىزلار تۇغۇلۇشىدىنلا جۇغى كىچىك كىلىدىغان بولۇپ، مۈرىسى كەڭ كەلگەن قىزلاردەك لاتاپەتلىك ئەمەس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى قىزلار ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆينەك كىيىۋالسا، ئۇلارغا تېخىمۇ ماسلىشىپ، ئۇلارنى بىر خىل ئوماقلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ھەرقانداق قىزلاردىن قېلىشمايدىغان نازاكەتلىك بولۇپ كىتىدۇ.
3. پۇت شەكلى نىسبەتەن ناچار كەلگەن قىزلار
     ھەرقانداق بىر ئايال كىشى ئىنچىكە، تۈز ھەم ئۇزۇن كەلگەن چىرايلىق پۇتى بار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئەمما بۇنداق پۇتلىرى بار قىزلار ھەقىقەتەن بەك ئاز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئالدىرماڭ، پۇت شەكلىڭىز ناچار بولسا، يۆگىۋالسىڭىز بولىدۇ؛ بىر قۇر كۆينەك بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل ھەل قىلالايدۇ. سىز ئۇزۇنراق كۆينەك ياكى يوپكا كىيىۋالسىڭىز، پۇتلىرىڭىزنى يۆگىگەندىن باشقا، سىزنى ئۆزگىچە نازىنىنلىققا ئىگە قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号