ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسلىدە مودا بولىدىغان رەڭلەرنى ئالدىن بىلىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا رەڭ جەھەتتىكى خەلقئارالىق ئەڭ نۇپۇزلۇق ئورگان Pantone ، بۇ يىل كىيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ مودا بولغان رەڭلەرنى خۇلاسىلاپ چىققان. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ رەڭلەرنى كۆرۈپ باقايلى!
قىزىل نەشپۈت رەڭ ( 红梨色)
    قىزىل رەڭ، كۈز ۋە قىش پەسلىگە ئۆتۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان رەڭ؛ قىزىل نەشپۈت رەڭ قېنىقراق كەلگەن قىزىل رەڭگە تەۋە بولۇپ، گەرچە تۆۋەن ماقاملىق بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۇنىڭ مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچىنى تارقىتىشقا قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ئىسىلزادىچە ھەم ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە رەڭ ھىسابلىنىدۇ.
     قىزىل نەشپۈت رەك ئادەمنى پىشىپ يىتىلگەندەك كۆرسىتىشكە مايىلراق بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك كىيىمنىڭ پاسونى ۋە ماتىريالىنى تاللاشقا نىسبەتەن كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشىمىز لازىم بولىدۇ؛ ياخشى لاھىيىلەنگەن پاسونلارنىڭ جىمغۇرلۇق ۋە چوڭلاردەك كۆرسىتىپ قويىدىغان تۇيغۇنى ئازايتىشقا پايدىسى بولىدۇ.

كۆكنار قىزىل ( 罂粟红)
    كۆكنار قىزىل رەك قىزغىنلىق ۋە جەلىپكارلىققا ئىگە بولۇپ، تويۇنۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەمما كۆزنى بەك قاماشتۇرۋەتمەيدۇ. رەسىمى يۇسۇندا چوڭ سۈپەت كىيىنشكە ھەم كىچىك ئوماقلاردەك جانلىق كىيىنىشكىمۇ ماس كىلىدۇ.
    سىزنى ئاياللىق نازاكىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، سىزنىڭ ھەيۋىڭىزنىمۇ يوقىتىپ قويمايدۇ؛ كۆكنار قىزىل رەڭنىڭ ئۆزى يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن بەدىنىڭىزدىكى رەڭلەر 3 خىلدىن ئېشىپ كەتمىسە، سىزنى تېخىمۇ ئىسىل كۆرسىتىدۇ.

يۇلتۇزلۇق كۆك ( 星空蓝 )
    بۇ رەڭ ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ؛ ئەمما بۇ رەڭ باشقا كۆك رەڭ تۈرلىرىگە قارىغاندا، ئادەمگە تېخىمۇ مۇلايىملىق ۋە ئارامبەخىش تۇيغۇسى بىرىدۇ.
    دىققەت قوزغايدىغان ھەم يىڭىلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان يۇلتۇزلۇق كۆك رەڭ كۆزگە ناھايىتى سىغىشچان بولۇپ، تىرىسى ئاق خانىم-قىزلارنى ناھايىتى لاتاپەتلىك قىلىۋىتىدۇ؛ ئەمما تىرىسى قارامتۇلغا مايىل خانىم-قىزلارغا ماس كەلمەيدۇ.

قىزغۇچ سېرىققا مايىل سۈترەڭ (奶杏黄)
    بۇ رەڭ ئادەمگە بىر خىل خىرەلىك تۇيغۇسى بىرىدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە سىھىرلىك تۈسكە ئىگە شۇنداقلا ئادەمگە بىرىدىغان خاسلىق تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك.
    بۇ رەڭنى ماسلاشتۇرۇش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، قىش پەسلىدە بۇ رەڭدىكى پەلتۇلارنى كىيىۋالسىڭىز، ئىچىگە ماسلاشتۇرغان كىيىملەرگە بولغان ماسلىشىش دەرىجىسى ئىنتايىن يوقىرى.

كاككۇك يىشىلى ( 咬鹃绿 )
    كاككۇك يىشىلىنىڭ رەڭ تۇيغۇسى ناھايىتى قۇيۇق، كىلاسسىكلىق پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، سىزنى ئېغىر-بېسىق ئەمما ھاياتى كۈچكە تولغان كۆرسىتىدۇ.
    كاككۇك يىشىلى ئۆتكەن يىلى مودا بولغان ئوت-چۆپ يىشىلىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ سىلىقلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ، بۇنىڭدا تىرە رەڭگىگە بولغان تەلەپمۇ ئۇنداق يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ.

زەيتۇن رەڭ (橄榄绿  )
    زەيتۇن رەڭ قارىغايغا ئوخشاش مۇستەھكەم، ئادەمگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا تارتىدۇ.
 
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇ رەڭنى ھەربىيلەر يىشىلىغا ئوخشايدىكەن دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە زەيتۇن يىشىلىغا ھاۋارەڭ ماسلاشتۇرۇلسا، سىزنى تېخىمۇ ياشلىق جىلۋىسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىدۇ.

كۈن پېتىش ئاپلىسىن رەڭ (日落橘)
    كۈن پېتىش ئاپلىسىن رەڭگى ئۇچۇق ھەم ئوماق كۆرنىدىغان بولۇپ، سۇغۇقلۇققا تولغان كۈز قىش پەسلىدە، سىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى ئىللىق كۆرسىتىدۇ.
    زىمىن رەڭ سېستىمىسىغا تەۋە كۈن پېتىش ئاپلىسىن رەڭگى، سىزنىڭ ياخشى كەيپىياتىڭىزنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ھەرقانداق ئادەمگە ماس كىلىدۇ.

قىزغۇچ ئەتىرگۈل رەڭ(柔瑰粉)
    بۇ رەڭ ئاڭلىماققىلا ئادەمنى ئوماق ھەم مۇلايىم كۆرسىتىدىغان رەڭ ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ سۇس قىزغۇچ ۋە كۈلرەڭنىڭ سىرلىقلىقى ۋە سىلىق گۈزەللىكىنى بىرىكتۈرگەن.
    بۇ رەڭ گەرچە ئادەمنى سۇغۇق چىراي كۆرسىتىپ قويۇشقا مايىل رەڭ بولسىمۇ، ئەمما سىزنى ھاكاۋۇر كۆرسىتىپ قويمايدۇ.

قىزىلغا مايىل سېرىق رەڭ(明媚黄)
     كۆپچىلىك بەلكىم سېرىقنىڭ قىزىلغا يۈزلىنىش ئېقىمىدىن خەۋەردار؛ مانا بۇ يىل مودا بولغان 10 رەڭنىڭ ئىچىدىمۇ قىزىلغا مايىل سېرىق رەڭ كەم قالماپتۇ. بۇ رەڭ ئادەمگە خوشاللىق ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.
     كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، مودا كەلگەن قىزىلغا مايىل سېرىق رەڭ، خالىغانچە بىر يەككە سەپلىمىمۇ سىزنى ھەيران قالارلىق ئۈنۈمگە ئىرىشتىرەلەيدۇ.

دېڭىز يۈسۈنى كۆكى(藻海蓝)
     خۇددى دېڭىزغا ئوخشاش، چەكسىز، چوڭقۇرلىقىنى بىلىشكە بولمايدىغان كۆكرەڭ، چوڭقۇر سالماقلىقنى يوقاتمىغان كۆرنىدۇ.
     سۈپەتلىك تۇيغۇسىغا تولغان دېڭىز يۈسۈنى كۆكى تىرە رەڭگى تاللىمايدىغان بولۇپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە سىز ئۈچۈن يىڭى بىر ئامرىقىڭىزنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号