ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ ئەرلەر نەزىرىدىكى گۈزەللىك ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
     نەچچە كۈن ئىلگىرى دوستۇم بىلەن تاماق يەۋىتىپ، يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان قارا، ئۇزۇن چاچلىق بىر قىزنى كۆرۈپ قالدۇق. دوستۇم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، كەينىگە قايرىلىپ قاراپ قالدى. مەن ئۇنىڭدىن ئۇ قىزنى بىر قاراپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىمۇ نىمە دەپ سورىدىم.
     ئۇ "ئەمىلىيەتتە بۇنى بىر قاراپلا ياخشى كۆرۈپ قىلىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ پەقەت شۇ بۇ خىلدىكى چېچى قارا ھەم ئۇزۇن كەلگەن قىزلار ماڭا باشقا قىزلاردىن چىرايلىقراقتەك تۇيغۇ بىرىدۇ." دەپ جاۋاب بەردى.
     ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، مىنىڭ قىزىقىشىم قوزغالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ، دوستۇم بىلەن بىللە، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى چىرايلىق ئاياللارنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا مۇلاھىزە باشلاپ كەتتۇق.
چېچى قارا ھەم تۈز كەلسە 20 نۇمۇر بىرىلىدۇ
    "مومايلارنىڭكىدەك كۈلرەڭ"، "تۇمان كۆكى" دىگەندەك رەڭلەردە بويالغان چاچلار، راستىنى ئېيتقاندا ئەرلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشى بويىچە، زوقلىنىشقا ئىرىشەلمەيدۇ. ھەرخىل رەڭلەردە كەلگەن ۋە ئۇزۇن قىسقىلىقى ھەر خىل بولغان قىسقا چاچلارغا قارىغاندا، ئۇزۇن ھەم قارا، تۈز كەلگەن ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ گۈزەل ھالەت ھسابلىنىدۇ.
    ئىسىمدە قېلىشىچە، ئالى مەكتەپتىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمنىڭ تارىختىكى قىز دوستلىرىنىڭ ھەممىسى قارا، ئۇزۇن، تۈز چاچلىق بولۇپ، ئۇ ھەتتا بىر قېتىم قىز دوستى چىچىنى كەستۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن. بۇنداق قۇتۇبلاشقان مىساللار كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن، قارا، تۈز چاچقا بولغان "مىھرى"گە گۇمان كەتمەيدۇ.
تىرىسى ئاپئاق كەلسە 20نومۇر بىرىلىدۇ
     بۇ يەردە مەن ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي: مىنىڭ بۇ دىگىنىم تىرىسى ئاق ئەمەس ئاياللارنى كەمسىتكىنىم ئەمەس؛ ئەمما ئەرلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، كۆپىنچە ئەرلەر تىرىسى ئاق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتە بەزى ئاياللارمۇ بۇنداق تىرىسى ئاپئاق كەلگەن ئاياللارغا دىققەت قىلىپ سالىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ تىرىسىنى تۇتۇپ باقىدۇ.
     تىرىسى ئاق بولۇش، بىز جۇڭگۇلۇقلارغا نىسبەتەن ئاياللار گۈزەللىكىنى باھالاشتىكى بىرىنچى ئۆلچەمدۇر.
كۆزى يوغان بولسا 20 نۇمۇر بىرىلىدۇ
    بەزىبىر كارتون مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىنمىكىن بەلكىم، ئەرلەر ھەمىشە كۆز دىگەن چوڭراق بولسا چىرايلىق كۆرنىدۇ دەپ قارايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بۇرنىغا تىگىپ قالىدىغان چولپانلارنى كۆرسە، ئەرلەر ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، "بەك چىرايلىقكەن" دىيىشىپ كىتىدۇ.
تەبىئى چىراي تۇيغۇ بەرسە 20نۇمۇر بىرىلىدۇ
     ئەرلەر نەزىرىدىكى گىرىم بىلەن ئاياللار نەزىرىدىكى گىرىم ئوخشاشمايدىغان ئىككى ئۇقۇم بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. "لەۋ سۇرىخى سۈرمىسە گىرىم قىلمىغان بولىدۇ"، "ئۇچۇق رەڭلىك لەۋ سۇرىخى سۈرسە، بەك قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بولىدۇ" بۇ ئىككى جۈملە سۆز ئەرلەرنىڭ گىرىم ھەققىدىكى ئىككى جۈملە "ئالتۇن سۆزلىرى" دۇر.
     ئەمما ئەلەرنىڭ نەزىرىدىكى تەبىئى چىراي، ئەمىلىيەتتە ئاياللارنىڭ گىرىم قىلمىسىمۇ چىرايلىق كۆرنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالقانغا ئوخشاش چىراي بولسا 20 نۇمۇر قوشىلىدۇ.
     مەن ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر سۇئالنى كۆرگەن: ئەلەر يۈزى گۆشلۈك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئالقانغا ئوخشاش سۆڭەكلىك تۇيغۇسى چىقىپ تۇرىدىغان ئاياللارنىمۇ؟
     مىنىڭچە بۇ سۇئالغا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان جاۋاپ: بوۋاقلارنىڭكىدەك ئازراق گۆش تولغان گازىر چىراي بولۇش.
     يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ بەش نوقتا بارلىق ئەرلەرگە ماس كىلىشى ناتايىن؛ مىنىڭ بۇ نوقتىلارنى خۇلاسىلەپ چىقىشتىكى مەقسىتىم: ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەللىك قارىشى بولىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قارىشىنى مەسخىرە قىلىش ئەھمىيەتسىز بىر ئىش، شۇنداقلا ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号