ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئايال كىشىنىڭ قىياپىتىدىن، ئۇنىڭ ئىرىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-08-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەگەر بىر ئايال كىشنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە يۈرۈش تۇرۇشىدىن، ئۇنىڭ ئىرىنىڭ قانداق ئەر ئىكەنلىكىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ دىسەك، سىز ئىشەنمەي ئولتۇرماڭ! ئادەتتە ئاياللاردىن ئۇنىڭ ئىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ، گەرچە مۇتلەق شۇنداق بولىدۇ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا توغرا چىقىدۇ.
     1. ياسىنىشى پوزور، چىرايى غەمكىن ئاياللار، ئۇنىڭ ئىرى كۆپىنچە ئىگىلىكى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان، تېخى سىرتتا "كاتىپ" ئېلىپ يۈرىدىغان كىلىدۇ.
     2. ھازازۇل خارەكتىردىكى ئايالنىڭ ئىرى بەلكىم گەپكە ماھىر ئەمەس "يۇۋاش" ئادەم بولۇشى مۇمكىن.
     3. خارەكتىرى كۈچلۈك ئاياللارنىڭ ئىرى چوقۇم ئادەتتىكىچە بىر ئەر كىشى.
     4. پۇل ئۈچۈن جان تىكىدىغان ئاياللار، ئۇلارنىڭ ئىرى چوقۇم ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە كىلىدۇ.
     5. روھى جەھەتتىن تالاغا قارىغان ئاياللار، ئۇلارنىڭ ئىرى چوقۇم ئىدىيە جەھەتتە ئۇلار بىلەن بىر قاتلامدا ئەمەس.
     6. دۇنيادىكى ھەممە ئاياللار ئەسلىدە ساپ دىل قىزلار؛ ئۇلاردىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ئىرى تەرەپتىن بولىدۇ. مۇنەۋۋەر بىر ئەر ئايالىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك گۈزەل قىلىدۇ؛ ئىقتىدارسىز ئەرلەر بولسا ئايالىنى چىرايىنى سۇلغۇنلۇق بېسىپ كەتكەن بولىدۇ.
    7. كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك گۈزەل ئاياللارنىڭ كەينىدە، ئۇلارنى سۆيىدىغان بىر ئەر كىشى بار بولۇپ، ئارقا تىرەك بولىدىغان يىتەرلىك ئىقتىسادى بار؛ ئۇلار پۇل ئۈچۈن كۈن بويى باش قاتۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ، ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ھۆسىن تۈزەپ، كۈنلىرىنى ئارامبەخىش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. سۇلغۇن چىراي ئاياللار، ھەر ۋاقىت تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تەرەپ-تەرەپكە چاپىدۇ؛ بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن، چوڭلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇللىرى ئۈچۈن، يەپ-ئىچىشكىمۇ كۆزى قىيمايدۇ، ھەتتا ئۆزىگە قاملاشقان بىر نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋىلىشقىمۇ كۆزى قىيمايدۇ؛ كۈنلىرى جاپا-مۇشەققەتتە ئۆتىدۇ.
    8. ئەڭ ئادەتتىكىچە بولغان بىر ئايال كىشى، ئەگەر مۇۋاپىق بىر ئەر كىشىگە ئۇچراپ قالسا، بۇنداق ئاياللارمۇ گۈزەللىككە تولۇپ كىتىدۇ.  مۇنەۋۋەر بىر ئايال كىشى، ئىقتىدارسىز بىر ئەر كىشىگە ئۇچراپ قالسا، بۇنداق ئاياللارمۇ سۇلغۇن چىراي بولۇپ كىتىدۇ.
بىر ئەر كىشى بىر ئايال كىشىنى ھاياتلىق يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرالايدۇ، شۇنداقلا بىر ئايال كىشىنى ئۈزۈل-كىسىل ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ. ئەر كىشىنىڭ پۇل-دۇنياسى كۆپ بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئۆيىنى باقالىغۇدەك ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك؛ ئىنتايىن ئىقتىدارلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم خوتۇن-بالىلىرىنى قوغدىغۇدەك كۈچى بولۇشى كىرەك؛ ناھايىتى قەيسەر بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئايالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك. ئەركىشىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدەك ھالىتى بار بولۇشى، ئۆزىگە تىگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئايالىنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك قىلىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号