ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھوللىۋودتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئون ئايال چولپان
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    "فۇربىس" ژورنىلى يېقىندا، ھوللىۋدتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئون ئايال چولپاننى باھالاپ چىققان بولۇپ، باھالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئون ئايال چولپاننىڭ كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %16ئاشقان. بۇيىلقى باھالاشتا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى سىكارلىت.جوناسىن بولۇپ، ئۇنىڭ 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن، بۇيىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ساپ كىرىمى 40مىليۇن 500مىڭ دوللارغا يىتىدىكەن. ئۇ ئەڭ نام قازانغان فىلىم، "قىساسكارلار بىرلەشمىسى" فىلىمىدىكى "قارا تول خوتۇن"نىڭ رولى بولۇپ، ئۇ بۇ رولغا چىقىش سەۋەبلىك پۈتۈن خەلقئاراغا تۇنۇلۇپ كەتكەن.
     ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، كىرىمى 25مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئانجىلىنا.جۇلىي بولۇپ، ئۇ باش رول ئالغان فىلىم "Maleficent"، بۇيىل خېلى بازار تاپقان. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى جېننىفېر.ئانىستون بولۇپ، بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ فىلىم ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقان رىسسى. ۋىزىرپۇن ئىكەن. تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى داڭلىق چولپان جېننىفىر.لاۋرىنىس بولۇپ، ئالدىنقى يىلى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ئېمما.سىتون بۇ يىل ئويلىمىغان يەردىن ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.
ھوللىۋدتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئون چوڭ ئايال چولپان
 
1.  Scarlett Johansson  
كىرىمى : 40 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

 
2.  Angelina Jolie
كىرىمى: 25 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

 
3.  Jennifer Aniston
كىرىمى: 19 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

 
4.  Jennifer Lawrence
كىرىمى: 18 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

 
5.  Reese Witherspoon
كىرىمى: 16 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

 
6.  Mila Kunis
كىرىمى : 16 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

 
7.  Julia Roberts
كىرىمى: 13مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

 
8.  Cate Blanchett
كىرىمى: 12 مىليۇن 500 مىڭ دوللار

 
9.  Melissa McCarthy
كىرىمى: 12 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى


10.  Gal Gadot
كىرىمى: 10 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号