بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئەمىلىيەتتە جەلىپكار كىلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
بويى ئىگىز ئاياللار ئەركىلىسە ئادەمنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ، بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئەركىلىسە نازلىق بولۇپ قالىدۇ؛ بويى ئىگىز ئاياللار ئازراقلا سەمىرىپ قالسا ناھايىتى "ھەيۋەتلىك" بولۇپ كىتىدۇ، بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئازراق سەمىرسە، تېخىمۇ ئوماق كۆرنىدۇ؛ بويى ئىگىز ئاياللار پاكار بولاي دەپ بولالمايدۇ، ئەمما بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئىگىز بولاي دىسە، بىر جۈپ ئىگىز پاشنىلىق ئاياغلا كۇپايە.
بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار بويى ئىگىز ئاياللارنى كىيىم كەيسە لاتاپەتلىك كۆرنىدۇ، يولدا ماڭسىمۇ شامال چىقىرىپ ماڭىدۇ دەپ ھەۋەس قىلىدۇ؛ ئەمما ئۇلار قانچىلىغان ئىگىز ئاياللارنىڭ ئۇلارنىڭ كىچىك ئوماق بولغىنىغا ھەۋەس قىلىدىغىنىنى بىلمەيدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەپتۇن قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ياشقا چوڭ كۆرۈنمەيدۇ
بويى ئىگىز ئاياللار پىشىپ-يىتىلگەن كۆرنىدۇ، ئەمما بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار يېشى كىچىك كۆرنىدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللارنىڭ تۇغۇلۇشتىن پۇت-قوللىرى كىچىك كىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان چىرايىنى قوشقاندا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي يېشى باشقىلارغا نىسبەتەن مەڭگۈ سىر بولۇپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ھەمىشە مۇلايىم كۆرنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بويى ئىگىز ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ئاياللىق نازىغا ئىگە كۆرنىدۇ.
ئىشىنىمەنكى، كورىيەلىك ئايال چولپان سۇڭ خۇي چىياۋ ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق؛ ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 156سانتىمىتىر بولۇپ، بىر دۆۋە بويى ئىگىز ئايال چولپانلار ئىچىدە قىلچىلىك كۆزگەر كۆرۈلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ بوي ئىگىزلىكى ھەتتا ئادەتتىكى ئادەملەر ئارىسىدىمۇ نىسبەتەن پاكار ھىسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر.
ئۇنىڭ نىسبەتەن پاكار كەلگەن بوي ئىگىزلىكى، ئازراق گۆشلۈك كەلگەن يۈزى، باشقىلارغا مۇلايىم ھەم ئوماقلىق تەسىرى بىرىدۇ؛ باشقىلار تەرپىدىن بېشى سىيلانغان ۋاقىتتا تېخىمۇ گۆدەك بالىلاردەك كۆرنىدىغان بولۇپ، 36 ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇپمۇ، كىشىگە 20 ياشلىق قىزلاردەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئەگەر باشقا بىر بويى ئىگىز ئايال چولپان بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، چوقۇم ئۆزىمۇ تەبىئى بولالمايدۇ.

بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار تېخىمۇ پۇل ئىقتىساد قىلىدۇ
بويى ئىگىز كەلگەن ئاياللارنىڭ ئۆلچەملىك نۇمۇردىكى كىيمنىڭ مۈرىسى تار، يىڭى قىسقا كىلىپ قالغان ۋاقىتتىكى ۋە چىرايلىق كۆينەكلەرنى ئۇچراتسىمۇ مايكا قاتارىدىلا كىيەلەيدىغان ۋاقىتتىكى كەيپىياتىنى، بويى نىسبەتەن پاكار كەلگەن ئاياللار چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار كەلگەن ئاياللارنىڭ كىيىم كەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئىشلىرى بولمايدۇ؛ بەك چوڭ كىلىپ قالسا، ئەڭ ناچار بولغىنىنىمۇ ئۆيدە ئۇخلاش كىيىمى قاتارىدا كىيىۋىتەلەيدۇ، ھەرگىز ئىسراپ بولۇپ كەتمەيدۇ؛ ئۇلار تېخى باشقىلارغا كىچىك كىلىپ قالغىنىنى كىيەلەيدۇ؛ چوڭ-كىچىك نۇمۇر مەسىلىسىدىن ئەنسىرمىگەچكە، كىيىم سېتىۋىلىش جەھەتتىلا نۇرغۇن پۇل تىجىلىدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار كەلگەن ئاياللار، تىرە ئاسراش جەھەتتىمۇ چىقىمى ئازراق بولىدۇ. بىر قۇتا يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى بويى ئىگىز ئاياللار بىر ئاي ئىشلەتسىلا تۈگەپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئىككى ئايدىن كۆپ ئىشلىتەلەيدۇ. ئاياللارنىڭ تىرە ئاسراش جەھەتتىكى چىقىمى باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدىن بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى تىجەلگەن چىقىم ناھايىتى كۆرنەرلىك بولىدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار كىيىم كەيگەندە رەخت تىجىلىدۇ، ئۇخلىغاندا بوشلۇق ئاز كىتىدۇ، ھەتتا يەيدىغىنىمۇ بويى ئىگىز ئاياللارغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ.

بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار ئەرلەرگە بېسىم ھىس قىلدۇرمايدۇ
بويى نىسبەتەن پاكار ئەرلەر بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ئەرلەر بېسىم ھىس قىلمايدۇ؛ بويى ئىگىز ئەرلەر بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قونچاقتەك ئوماق ھالىتىنى ياخشى كۆرىدۇ.
بويى ئىگىز ئاياللار ھەمىشە بىر خىل باشقىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك "تەسىر مەيدانى" ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، كىشىگە بىر خىل يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان تەسىر بىرىدۇ؛ بويى قانچە ئىگىز بولغانسىرى، كىشىگە بېسىم تۇيغۇسى بىرىشى شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ. ئەمما بويى نىسبەتەن پاكار ئاياللار قاراشقىلا مىجەزى ناھايىتى ياخشى كۆرنىدىغان بولۇپ، سىزگە خوشنىڭىزنىڭ قىزىدەكلا تەسىر بىرىدۇ.
بويى نىسبەتەن پاكار كەلگەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ قوغداش ئىستىكىنى قوزغىيالايدۇ؛ ئۇلار خۇددى گۆدەكلىكىنى تاشلىمىغان بالىلارغا ئوخشاش، قانچە ياشقا كىرىشىدىن قەتئىنەزەر ئەركىلەشنى ئۇنۇتمايدۇ، ھەر ۋاقىت ئەرلەردە كۆيۈنۈپ پەپىلىگۈسى كىلىپ كىتىدىغاندەك ھىسيات تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدۇ.

ئۇلارنىڭ بويى ئىگىز بولمىغىنى بىلەن كۆڭلى ناھايىتى كەڭ كىلىدۇ؛ نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىشنى ئويلايدىيۇ، ئەمما ئاسانلا قانائەت تاپىدۇ. ئۇلار باشقىلارغا ئازادىلىك ھىسياتى بىرىدۇ، ئۇلار ھەر بىر ئەركىشىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى ۋە كۆيۈنىشىگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلار گەرچە كىشىلەر توپى ئارىسىدا بىر قاراشتىلا كۆزگە چېلىقىدىغان بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ئارىلىشىپ باقسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىلا قىسمىنىڭ يۇرۇق نوقتىلار ئىكەنلىكنى بايقايسىز.