ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قول سومكىلىرىنىڭ تۇتقىچىمۇ سىزنى مودا كۆرسىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ھەرخىل شەكىل، چىرايلىق پاسوندىكى سومكىلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان خانىم-قىزلىرىمىز بولمىسا كىرەك.
     ئادەتتە قول سومكىسىنىڭ شەكلى ۋە ماتىريالىدىن باشقا، ئۇنىڭ تۇتقىچىمۇ قول سومكىسىغا باشقىچە تۈس بىرىدىغان بولۇپ،  ئوخشىمىغان شەكىل، ئوخشىمىغان ماتىريالدا لاھىيىلەنگەن تۇتقۇچ ئادەمگە يىڭىلىق تۇيغۇسى بېغىشلىيالايدۇ.
ياغاچ ماتىرياللىق تۇتقۇچ
     ياغاچ ماتىرياللىق تۇتقۇچ ئادەمگە بىر خىل لاتاپەتلىك ھەم كىلاسسىكلىق تۇيغۇ بىرىدىغان بولۇپ، مەيلى كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قىلىش ۋەياكى رەسمى سورۇنلاردا بولسۇن، ھەممە خىل سورۇنلارغا ماس كىلىدۇ.
ياغاچ ماتىرياللىق تۇتقۇچ ئادەمگە سۈپەت تۇيغۇسى بىرىپلا قالماي، ئۇ يەنە قولسا كۆتۈرۋىلىشقىمۇ ئەپلىك كىلىدۇ.
     بۇ خىلدىكى ئۇلاشما ھالقا شەكلىدىكى لاھىيلىنىش، گۈزەللىك ۋە ئەمەلى قوللىنىشچانلىققا تەڭ ئىتىبار بىرىلگەن بولۇپ، خىزمەتچى خانىم-قىزلارغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

ياغاچ ماتىرياللىق تۇتقۇچقا، توقۇلغان شەكىلدىكى سومكا قوشۇلسا، ساياھەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

     كۆكتات سېتىۋىلىش خالتىسى دەپ ئەيىپلەنگەن تور شەكىللىك سومكىمۇ، ياغاچ ماتىرياللىق يۇمىلاق تۇتقۇچ قوشۇلغاندىن كىيىن، دەرىجە تۇيغۇسى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پۇراققا ئىگە بولىدۇ.

چاسا شەكىللىك تۇتقۇچ
     بۇ يىل پىلاستىر ماتىريال قوشۇلغان ئىككى قات شەكىلدە لاھىيىلەنگەن سومكا مودا بولغان بولۇپ، ئۇنى خىروم ماتىرياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چاسا شەكىللىك تۇتقۇچ قوشقاندىن كىيىن، كوچىلاردىكى ئالاھىدە بىر مەنزىرگە ئايلانغان.

     كەڭ تۇتقۇچ سىزگە تۇتۇشقا قولايلىق ئېلىپ كىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ نەرسە كىرەكلەرنى كۆپ قاچىلىغىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئۇنى ياشلارغا ناھايىتى ماس كىلىدىغان قىلغان.

تەرتىپسىز لاھىيىلەنگەن تۇتقۇچ
    ھەر خىل شەكىلدىكى تەرتىپسىز لاھىيىلەنگەن تۇتقۇچ بۇيىل ئىنتايىن مودا بولغان بولۇپ، بۇ خىل لاھىيە بىر توپ كىلاسسىك پاسونلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ، سىزنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ.

ئۆزىگە خاس كەلگەن لاھىيىلىنىشلەر بىلەن كىيىنىشىڭىزنى ماسلاشتۇرسىڭىز، سىزنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ.

    ئۆزى كىچىك ئەمما ئەپچىل كەلگەن لاھىيىلىنىشى، سىزنىڭ كوچا ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا كۆتۈرۋىلىشىڭىزغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
ئىشتان ۋە كۆينەكلەرگە ماسلاشتۇرۇپ كۆتۈرۋالسىڭىز تېخىمۇ لاتاپەتلىك بولۇپ كىتىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号