بىر كىلىننىڭ قېيىنئانىسىنى "تەنقىدلەپ" يازغان خېتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-08-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى بۇرۇندىن باشلاپ ئۆزگەرمەي كىلىۋاتقان پاراڭ تېمىسى؛ بىر قېيىنئانا 90- يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان كىلىنىنى كۆڭلىنى بەك رەنجىتكەنلىكتىن، ئۇ كىلىن قېينئانىسىغا بىر پارچە خەت يازغان؛ قېيىنئانىسى خەتنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇزۇنغىچە بىر ئېغىز گەپ قىلالماي ئولتۇرۇپلا قالغان...

سىز پەقەت ناھايىتى ئىرىمنىڭ ئانىسى خالاس؛ توي قىلىشتىن بورۇن سىزنىڭ مىنىڭ ھاياتىمغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتىڭىز يوق ئىدى. ماڭا ھاياتلىقنى ئاتا-ئانام بەرگەن؛ مىنىڭ بۈگۈنكى ئوقۇش تارىخىم، ئىقتىدارىم، تەربىيە كۆرگەنلىكىم، ئىژتىمائى مۇناسىۋەت ۋە مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئەندىزەم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانامنىڭ تۆھپىسى، سىز بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق. شۇڭلاشقا مەن پەقەت چۈشىنەلمىدىم، نىمە ئۈچۈن ئوغلىڭىز بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، مىنىڭ 20نەچچە يىللىق ھاياتىم نۆلگە قايتىپ، ئاتالمىش سىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئادىمى بولۇپ قالىمەن؟ ھەم نىمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئۆيدىكى ئەڭ كىچىكى بولۇپ قالىمەن؟ بۇ يەردىكى ئەڭ كىچىكى دىيىشىم، چۈنكى "سىلەرنىڭ ئۆيدە" مىنىڭ ئورنۇم ھەتتا مىنىڭ ئەمدى ئىككى ياشقا كىرگەن بالامدىنمۇ تۆۋەن.
راستىنى ئېيتقاندا، مەن ناھايىتى تەڭسىزلىك ھىس قىلىمەن. ئاتا-ئانام مىنى 20 نەچچە يىل بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلدى، سىلەر بولساڭلار ئۇلارنىڭ 20 نەچچە يىللىق جاپاسىنىڭ جەۋھىرىگە بىكاردىنلا ئىگە بولۇۋالدىڭلار، بۇنىڭدا سىلەرنى مىھنەت قىلماي تۇرۇپ ئىرىشكەن، تەييارغا ھەييار بولغان دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزگە ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بەرگىنىمدە، سىز تېخى مىنىڭ ئاتا-ئانامغا ھەم مىنىڭ قوشقان ئەمگىكىمگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كىرەك. ئەگەر سىز بۇلاردىن مىننەتدار بولمىسىڭىزمۇ مەيلى، ئەمما يەنە نىمە ئۈچۈن سىز تېخى يوقىلاڭ باھانە سەۋپلەر بىلەن مەندىن نارازى بولۇپ، مەن قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن لوپا ئەينەكتە قاراپ قۇسۇر چىقىرىسىز ھەم تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىمەن دەيسىز؟

كۈندۈزى مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ خىزمىتى بار، ئىقتىسادتا مەن ئەزەلدىن مۇستەقىل، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئوغلىڭىزغا تايىنىشقا ئەسلىدىنلا ئېھتىياجلىق ئەمەس، ھەم سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ مائاشىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈپ باققانمۇ ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى ئۆز-ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالىغۇدەك بولۇشۇم، ئاتا-ئانامنىڭ تۆھپىسى ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم تاپقان پۇلنى خۇددى قىلىشقا تىگىشلىك ئىش بولغاندەك، " سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە" ئىئانە قىلىۋىتىپ، تېخى ئۆزۈم تاپقان پۇلنى خەجلەش ئۈچۈن سىزنىڭ چىرايىڭىزغا قارايدىغان بۇ ھالەتنى قەتئى قوبۇل قىلالمايمەن، جاھاندا نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟ مەن يا سىزگە قەرزدار بولمىسام، يا سىزنىڭ بېقىشىڭىزغا ئېھتىياجلىق بولمىسام، سىزنىڭ بىرەر سىنىت پۇلىڭىزنى تېخىمۇ ئالمىغان تۇرسام، يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلغۇدەكمەن؟ مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن، ئەمما سىزنىڭ مىنىڭ ھەممە ئىشىمغا ئىگە بولۇۋىلىشىڭىزغا يول قويالمايمەن.

شۇڭلاشقا ھازىر مەن سىزگە سەمىمىيەتلىك بىلەن شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچى:
توك پۇلىنى مەن تۆلەۋاتىمەن، شۇڭلاشقا تۇمۇز ياز كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىسام پىكىرىڭىز چىقسا بولمايدۇ، ئىككىنچى كۈنى يەنە ئىشقا بارىدىغان ئادەم مەن، ئۇيقۇ سۈپىتى مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇندىن باشقا يەنە كونىلاردا، ئادەم كىيىم بىلەن ئادەم بولىدۇ دىگەن گەپ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن نەچچە قۇر كىيىم ياكى ئاياغ ئالىمەن بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى؛ چۈنكى بۇلارنى مەن ئۆزەم ئىشلەپ تاپقان پۇللارنى ئىشىلىتىپ ئالىمەن، سىز بۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. پۇل خەجلەشتە مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى، ئۆزۈمنىڭ ئۆلچىمى بار، ئۆزۈم جايىدا خەجلىيەلەيمەن؛ شۇڭا ئەگەر باشقۇرغىڭىز كەلسە ئۆزىڭىزنىڭ ئوغلىنىڭ پۇلىنى باشقۇرۇڭ، مەن ئۆزۈمگە تايىنىپ تاپقان پۇلنى خەجلەش ئۈچۈنمۇ سىزنىڭ چىرايىڭىزغا قاراپ ئولتۇرۇشنى ھەقىقەتەنمۇ خالىمايمەن.
مەن ھەمىشە ئويلاپ قالىمەن، ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتىڭىز يوق؛ ئەگەر سىزنى ماڭا نىسبەتەن بىرەر شەكىل جەھەتتىن بولسىمۇ ئەھمىيىتى بار دىيىلسە، سىز ناھايىتى ئىرىمنىڭ ئانىسى خالاس؛ سىزنىڭ بارلىق ياراتقان تۆھپىلىرىڭىز ئۇنىڭدا، سىزگە جاۋاپ قايتۇرۇش كىرەك بولسىمۇ ئۇ قايتۇرىشى كىرەك. ئوخشاشلا، مىنى جاۋاپ قايتۇر دىيىشكە سالاھىيىتى توشىدىغانلار پەقەت مىنىڭ ئاتا-ئانام، ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە، مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ مۇشۇنداق سىزنىڭ ئوغلىڭىزدىن قۇسۇر تاپسا، سىز قانداق ھىسياتقا كىلىسىز؟ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار مىنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ تەلىپىگە زادى قانچىلىك يىتەلەيدۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن مىۋە يىگۈڭىز كەلسە، ئوغلىڭىزنى كىسىپ بىرىشكە بۇيرۇڭ؛ چۈنكى بۇ ئۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىش. كىيىمنىمۇ ئوغلىڭىزنى يۇيغىلى سېلىڭ، چۈنكى سىزمۇ ئۇنىڭ كىيىمىنى 20نەچچە يىل يۇيۇپ بەرگەن ( ئەمما مەن سىزنى بىرەر پايپاق ئۈچۈنمۇ ئاۋارە قىلىپ باقمىغان)؛ دوختۇرغا بارماقچى بولسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ بۇرۇنراق ئىشتىن چۈشۈپ سىزنى دوختۇرغا ئاپىرىشىنى تاپىلاپ قويۇڭ... مەن ھەمىشە سىزنى دەپ روخسەت سوراپ مائاشىمدىن پۇل تۇتۇلۇپ مېڭىشىنى خالىمايمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ زۇكام بولۇپ قالغاندا، سىز مىنى دوختۇرغا ئاپىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى مىنى تېنىڭىز ئاجىزكەن دەپ قاتتىق گەپ قىلىپ مىنى مەسخىرە قىلغان، شۇڭا سىز ئاغرىپ قالغاندا مەنمۇ ھەقىقەتەن سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ بولالمايدىكەنمەن.

قىسقىچە ئېيتقاندا، ئوغلىڭىزنىڭ سىزگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى ئەسلىدىنلا شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك ئىش؛ ئەمما مەنمۇ ۋاپادارلىقىمنى مىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامغا كۆرسىتىمەن دىسەم، بۇمۇ يوللۇق. ئەگەر سىز چوقۇم مىنى سىزگە ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بىرىسىز دەپ تۇرۋالسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ھېچ بولمىغاندا سىزنىڭ ئاشۇ قۇسۇرچى ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ، ئاندىن ئاز-تولا مىننەتدار بولۇش ھىسياتىدا بولۇڭ؛ چۈنكى مەن سىزگە قەرزدار ئەمەس، مىنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشىم، پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئىرىمنىڭ ئانىسى بولغىنىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقىم سەۋەبىدىندۇر، ناھايىتى مۇشۇنچىلىكلا خالاس؛ ئەگەر سىز ئىرىمنىڭ ئانىسى بولمىسىڭىز، يەنە مۇشۇنداق مىنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئىرىشەلەمتىڭىز؟
ئاخىرىدا مىنىڭ دەيدىغىنىم، مەن سىزگە بۇ خەتنى يازسام، سىز چوقۇم مىنى بويۇنتاۋلىق قىلىپ چوڭلارنى كۆزگە ئىلماپتۇ دەيسىز؛ ئەمما ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش كىرەك، مەن سىز بىلەن بۇ نوقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇناسىۋەت قىلىمەن؛ ئەگەر سىزمۇ مىنىڭ ھىسياتىمنى ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلالمىسىڭىز، مەن سىزنى مەندىن چوڭ دەپ ئاز-تولا يول قويغىنىم بىلەنمۇ، ئەمما ئاخىرقى چەكنى يەنىلا سىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىمەن. سىز بەلكىم "كىلىن بولغاندىكىن، ئىش ئۇقىدىغان بولغۇلۇق" دىيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مەن بۇ گېپىڭىزگە رەددىيە بىرىمەن: مىنى سىز بېقىپ چوڭ قىلىپ قويمىغان، مەن سىزگە ھەم قەرزدارمۇ ئەمەس؛ مەن سىزگە قارىتا ئەڭ زور دەرىجىدىكى ھۆرمەت ۋە كەڭ قورساقلىقىمنى ئىپادىلىدىم، باشقا ئۆگىنىشكە تىگىشلىك بولغان ئىشلار سىز تەرەپتە. قېينئانا، ھۆرمەتلىشىش ئىككى تەرەپلىك بولىدۇ، سىز باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشىمەن دەيدىكەنسىز، سىزمۇ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك!
ئاياللار، ئاياللارنى تەڭلىكتە قويۇپ نىمە كەپتۇ دەيمەن! مىنىڭ بۇ قىلمىشىم گەرچە ئۆزۈمدىن چوڭلارغا بويۇنتاۋلىق قىلىش بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر ئېغىز سۆزۈمنىڭ ئاساسى بار! پەقەت بىر-بىرىنى ھەقىقى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىناقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ.