ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ ئەركىشىدىن كۆڭلى قالسا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئىپادىسى بولىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-02 كۆرۈلىشى : قېتىم

     جاڭ شىياۋشەن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: " بىر ئەركىشىنىڭ ئاياللارنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، ئەرلەرنىڭ باشقا بىرەسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ئەمەس، بەلكى ئاياللار ئەركىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن ۋاقىتتا، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىشى بولۇشى مۇمكىن."

1.jpeg

شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن كۆڭلى قالسا، سىز تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايقايسىز....

1.     ئۇ ھەمىشە سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ

ئەگەر ئاياللارنىڭ ئەر كىشىدىن كۆڭلى قالسا، ئۇ جىمغۇر بولۇپ سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ سىزگە يەنە ئۆزلىرىنىڭ دەرتلىرىنى سۆزلەپ بەرمەيدۇ، كۆڭۈل سىرىنى بەرمەيدۇ.

ئاياللار يېنىدىكى ئەرنىڭ ساختا مۇھەببەتلىرىنى ۋە ھەقىقى ئەپتى-بەشرىسىنى تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتىشكە ئۆزىنى مەجبۇرلاشقا باشلايدۇ؛ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرى، بالىلارنى تەيبىيەلەش، ئاتا-ئانىسىنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا قايتا ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەيدۇ.

بۇنداق ۋاقىتتا ئاياللار ھەممە ئىشقا بەرىبىر پوزۇتسىيە تۇتىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، ھەتتا سىز بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋەت پەيدا بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋرچانلىقى، سىزنىڭ قايتا-قايتا ئالدىشىڭىز ۋە ئۇلارنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈشىڭىز جەريانىدا ئاللىقاچان ئاز-ئازدىن تۈگەپ كەتكەن.

بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇلار بۇرۇنقىدەك سىز بىلەن گەپ تالىشىپ ئىنچىكە ھىساب قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، ھەتتا سىزگە ئاچچىقلىنىشقىمۇ ئىرىنگەندەك ھىس قىلىدۇ؛ ھەرقانداق كۆڭۈل بۇزۇلىدىغان ناچار كەيپىياتلىرىنى ئۆزى جىمجىتلا تەڭشىۋالىدۇ.

2.jpg

2.     ئۇ سىزگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ

ئاياللارنىڭ ئەر كىشىدىن كۆڭلى قالسا، ئۇ سىزگە سۇغۇق مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلايدۇ، سىزدىن قايتا ئەھۋالىڭىزنى سوراپ ئولتۇرمايدۇ ھەم بۇرۇنقىدەك سىزغا سىزىقىڭىزدىن چىقمايدىغان بولمايدۇ.

سىز قىمار،قارت ئوينىسىڭىز ئۇ بۇرۇنقىدەك سىزگە كايىپ يۈرمەيدۇ؛ سىز پۇل ئۇتتۇرۇپ ، ھاراق ئىچىپ مەست بولىۋالسىڭىز، سىزگە بۇرۇنقىدەك ئىچى ئاغرىتىپ قاقشىمايدۇ؛ سىز باشقا ئاياللار بىلەن ئارلىشىپ كەچ قالسىڭىزمۇ، ئۇ قىلچىلىك پىسەنت قىلىپ قويمايدۇ.

ئۇ كۆڭلىدە سىز بىلەن چەك-چىگرانى ئايرىشقا باشلىغان بولۇپ، مەيلى سىز نىمە ئىش قىلماڭ، ئۇ قايتا سۈرۈشتىسىنى قىلىپ يۈرمەيدۇ؛ سىز ئۇنىڭ قەلبىدە، يول بويىدىكى ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەن پەرقىڭىز يوق بولۇپ بولغان بولىسىز.

3.jpg

ئۇ بۇرۇنقىدەك سىزگە چاپلىشىپ، سىزگە ئەركىلەپ يۈرمەيدۇ، ھەم كەينىگىمۇ يانمايدۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك جاپالىرىنى ئۆزى يالغۇز تارتىشقا رازى بولىدۇكى، سىزنىڭ ئاسرىشىڭىز ۋە كۆڭۈل بۈلۈشىڭىزگە قايتا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ياشلىرىنى يۈرىكىدە ئاققۇزۇشنى ، جىمجىت ھالدا تۇرمۇشنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرىشنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، سىزگە قارىتا ھېچقاندان ئۈمىد ياكى ئىستەك قالمىغان بولىدۇ.

3.     ئۇ قەيسەر بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ

ئاياللارنىڭ ئەركىشىدىن كۆڭلى قالسا، ئۇ قەيسەر بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، مۇستەقىل بولۇپ  ئۆزگىرىپ ھەرقانداق بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.

ئۇلار ئەرلەرگە بولغان تايىنىشىنى يېغىۋالىدۇ، ئۇ ئەر ئۈچۈن ئۇنى بۇنى ئويلاپ، پايدا-زىياننى ھىسابلاپ ئولتۇرمايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئىلگىركى پۈتۈن زىھنى-كۈچىنى سەرپ قىلىپ ئىرىشكەن مۇھەببىتىنىڭ مۇھەببەت بولالماي قالغىنىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولىدۇ.

4.jpg

ئۇلار ھازىر خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا ھەرقانچە چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچار بولسمۇ، ئۆزى بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەل قىلىدۇ؛ چىشىنى چىشلەپ ئۆزىنى تېخىمۇ ئۆسۈپ يىتىلىشكە مەجبۇرلاپ، ئاستا-ئاستا قابىلىيەتلىك بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

    ئۇلار مەيلى قانداق مەسىلە بولمىسۇن، باشقىلارغا تايانغىنىدىن ئۆزىگە تايىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى بولىدىغىنىنى، ئۆزىنىڭ بەختىنىڭ باشتىن-ئاخىرى ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىشكە باشلايدۇ. ئۇلار پەقەت تىرىشىپ تېخىمۇ قابىلىيەتلىك بولۇپ ئىلگىرلىگەندە، ئاندىن كىيىنكى تۇرمۇشىدا سالماق تەمكىن ياشاپ، ئۆزى يالغۇز بىر ئائىلىگە باش بولالايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن بولىدۇ.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号