ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئامىرىكىدا ئايالىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش ھەققى تۇنجى بولۇپ بىكىتىلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-01 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئامىرىكا شىمالى كالورىنا شىتاتىدىكى 48 ياشلىق بىر ئەر يېقىندا، ئايالىنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ "ئۈچىنچى شەخس" ئەرگە تىلفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىدىن يېراق تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسمۇ، "ئۈچىنچى شەخس" بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان، تېخى يەنە ئايالى بىلەن ئۇچۇق-ئاشكارە ئۆي ئىجارە ئېلىپ بىرگە تۇرغان. ئايالىنى چوڭقۇر سۈيىدىغان بۇ ئەر، ئايالىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىماي، ئۇلارنى ئىزدەپ بارغاندا، ئۈچىنچى شەخىس تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. چىدىغۇچىلىكى قالمىغان بۇ ئەر ئۈچىنچى شەخىسنى سوتقا ئەرز قىلغاندا، سوت مەھكىمىسى ئۈچىنچى شەخس بۇ ئەرگە 8 مىليون 800مىڭ ئامىرىكا دوللىرى( تەخمىنەن 60 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) تۆلەم تۆلىشى كىرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

1.jpg

سول تەرەپتىكىسى كىڭ، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئۈچىنچى شەخىس ھۇيزار

   ئامىرىكا شىمالى كالورىنا شىتاتىلىق كىڭ، ۋەلىسپىتتە ماھارەت كۆرسىتىش شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، 2010-يىلى شىركىتىدە ئايالى دانىيال بىلەن تونۇشقان؛ ئىككەيلەن توي قىلغىلى 8 يىل بولغان بولۇپ، 5 ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار ئىدى. ئەمما گۈزەل چاغلار ئۇزۇنغا بارمىدى؛ ئۇلارنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى نەچچە يىل داۋاملاشمايلا، ئۈچىنچى شەخسىنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشى ئاستىدا نامدىلا ساقلانغان ھالەتكە ئايلىنىپ قالدى.

   2015-يىلى دانىيال نىيوركتىكى ۋەلىسپىت كۆرگەزمىسىدە ، سېتىش دىرىكتورىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەتقان ھۇيزار بىلەن تونۇشتى؛ ھۇيزارنىڭ توختىماي قوغلىشىشى ئاستىدا، ئىككەيلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. كىڭ يېقىندا ئۆيىدىكى تىلفون ھىسابات تالۇنىدىكى ئۇزۇن ۋاقىت سۆزلەشكەن ناتۇنۇش تېلفون خاتىرسىنى بايقىغاندىن كىيىن، ئايالى دانىيالنىڭ تالاغا قارىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ چىقتى.  كىڭ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كىيىن، ھۇيزارغا تېلفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىدىن يېراق تۇرىشىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ھۇيزار كىڭنىڭ گەپلىرىگە قولاق سالمايلا قالماي، تېخى ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردى.

2.jpg

ئىرى بىلەن ئاشنىسىنى سوتقا چىقىپ قارشىلىشىشقا سالغان دانىيال

   كىڭنىڭ ئاچچىقىنى ھەممىدىن بەك كەلتۈرىدىغان ئىش، 2017-يىلى يۈز بەردى؛ ئايالى دانىيال بىلەن ئۈچىنچى شەخىس ھۇيزار بىرلىكتە ئۆي ئىجارە ئېلىپ، ئۇچۇق-ئاشكارە بىللە تۇردى. بۇ جەرياندا كىڭنىڭ كۆڭلى گەرچە ئىنتايىن چوڭقۇر ئازار يىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئايالىنى يەنىلا ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئايالىنى قايتۇرۇپ كىلىشكە تىرىشقان. كىڭ ئايالىغا "سىز مىنىڭ ئايالىم، سىز راستىنلا مىنى تاشلاپ كەتمەكچىمۇ؟" دەپ ،ئۇنىڭ ئۆز يېنىغا قايتىپ كىلىشىنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرغاندا، ئۇيلىمىغان يەردىن ھۇيزار تەرپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

   بۇ ئىش ئاخىرى سوتقا بېرىپ تاقالغان؛ ئىگىلىنىشچە، شىمالى كالورىنا شىتاتى ئامرىكىدىكى ئاز ساندىكى قانۇنلۇق جۈپتىنىڭ تالاغا قارىشى ئۈستىدە ئەرز سۇنۇشقا بولىدىغان بىر نەچچە شىتاتنىڭ  بىرسى. يېقىندا شۇ جايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، ھۇيزارنى كىڭغا 8مىليون800مىڭ ئامىرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 60 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىغان. ئەمما كىڭمۇ بۇ ھۆكۈم سەۋەپلىك، ئايالىنى قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقاتقان.

3.jpg

   "ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئائىلەمنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولۇشىنى ھېچكىم بەلگىلىيەلمەيدۇ."، كىڭ بۇ ھۆكۈمدىن نارازى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئادوۋكاتى فولنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ھۇيزار پەيدا بولمىغان بولسا، كىڭ ۋە دانىيال بۇ بىر جۈپ ئەر خوتون يەنىلا ناھايىتى بەخىتلىك ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق تالاش تارتىشتا يېڭىپ چىققۇچى بولمىغان.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号