ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئەرلەر ئاياللاردىن ئايرىلىپ كىتىشنى ئويلىسا، ھەمىشە بۇ خىل گەپلەرنى قىلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-28 كۆرۈلىشى : قېتىم

    سىز مۇھەببەتتە نىمىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ياخشى كۆرمەسلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسىمۇ، يەنىلا كەينىگە سوزۇپ قويۇپ بەرمەسلىك.

   مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئەرلەر ئىنىقلا ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئايرىلىپ كىتىش تەكلىپىنى بەرمەي، ئاياللارنىڭ ئاۋال ئايرىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى كۈتۈپ يۈرىدۇ؛ بۇنىڭدا ئۇلار خۇددى گۇناھ تۇيغۇسى ئازراق بولۇپ، ئۆزىنى بەكمۇ ئازاپلىنىپ كەتمەيدىغاندەك ھىس قىلىشى مۇمكىن بەلكىم.

   بۇنداق ئەرلەرگە ئۇچراپ قالغاندا، قانچە بۇرۇن ئايرىلىپ كەتسە شۇنچە ياخشى. ئادەتتە بۇنداق ئەرلەر ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىپ، ئايرىلىپ كىتىش ئويى پەيدا بولغان ۋاقىتتا، ئۇلار ھەمىشە تۆۋەندىكى تۆت خىل گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

1.   " ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلىڭ"

    بىر ئەر كىشى سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇشقا باشلاپ، سىز بىرەر مەسىلە توغرۇلۇق ئۇنىڭ پىكىرىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ بىۋاستىلا ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلىڭ دەپ جاۋاپ بەرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلىدە ئاللىقاچان سىز بىلەن چەك-چىگرانى ئايرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا، نەدىمۇ سىنىڭ ئىشىڭ مىنىڭ ئىشىم دەپ ئايرىلسۇن؛  سىزنىڭ ئىشىڭىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ ئىشى، نۇرمال ئەھۋالدا ئۇنىڭ سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى ھەل قىلىۋەتكۈسى كىلىپ كەتسە توغرا بولىدۇ. ئەمما ئۇ سىز دىگەن سىز مەن دىگەن مەن دەپ تەكىتلەپ، ئۆزئارا ئاۋارە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن يۆتىكىلىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىشىڭىز كىرەك.

1.jpg

2. " مىنى تولا ئاۋارە قىلماڭ، مىنى بىردە جىمجىت تۇرغىلى قويۇڭ"

   ئەگەر بىر ئەر كىشى ھەمىشە سىزگە، مىنى ئاۋارە قىلماڭ، مىنى يالغۇز تۇرغىلى قويۇڭ دىسە، ئۇ بەلكىم چىن كۆڭلىدىن سىزنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىڭىزدىن زىرىككەن بولۇشى، ھەمدە سىزنىڭ ئۇنىڭ دۇنيارىدىن چىكىنىپ چىقىشىڭىزنى خالاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، سىز بىلەن ھەر ۋاقىت بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ھازىر يېنىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا سىزنى تەلۋىلەرچە كۆرگۈسى كىلىدۇ، ھەرگىز سىزگە تولا مىنى ئاۋارە قىلماڭ دىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇنداق دىيىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەپ، ئۇ سىزنىڭ قايتا ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىندۇر.

2.jpg

3. "ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ، بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتىڭىز"

   ئۆز-ئارا ياخشى كۆرىشىدىغان ئىككى ئادەم بىرگە بولغاندا، نورمال ئەھۋالدا قىلىشىدىغان گەپلىرى تۈگىمەي كىتىدۇ؛ ھەتتا بەزى ئەھمىيەتسىز پاراڭلارنى قىلسىمۇ، قارشى تەرەپ يەنىلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايدۇ.

   ئەمما ھەر ۋاقىت سىزنى ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ دەيدىغان، سىزنى بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتىڭىز دەيدىغان، سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىماس بولۇپ قالغان ئەركىشى، سىزگە بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقىنى ئاللىقاچان يوقاتقان بولۇپ، سىلەر ئادەتتىكى ئەڭ ئاساسى بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئېلىپ بارالمايدىغان بولۇپ قالغان بۇ خىل ئەھۋالدا، مۇھەببىتىڭلارنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

3.jpg

4.  " يالغۇز ئۆتكەن ۋاقتىممۇ ئەمىلىيەتتە يامان ئەمەس ئىكەن"

   ئەگەر بىر ئەر كىشى سىز بىلەن بىرگە ئۆتكەندىن كىيىن، ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغىنى، سىز بىلەن ئۇچراشقىنىم ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپتىكەن دىگەن سۆزلەر بولماي، ھەمىشە يالغۇز ئۆتكەن ۋاقتىنىڭمۇ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىز بىلەن داۋاملىق بىللە ئۆتۈشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   بۇ خىل گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىگى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بويتاق ۋاقىتلىرىنى ئەسلىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشنى ياقتۇرمىغانلىقى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بەلكىم كۆڭلىدە ئاللىقاچان قېچىشنى، سىزنىڭ دۇنيارىڭىزدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ يىڭى تۇرمۇشىنى باشلاشنى پىلانلاپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

    قىسقىسى، ئەرلەر مۇبادا سىزگە ھەمىشە يۇقارقى تۆت خىل گەپلەرنى قىلسا، ئۇنىڭ سىزگە قارىتا ھېچقانداق مۇھەببەت ۋە ھېسيات قالمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئايرىلىپ كىتىشنى ئويلاشسىڭىز تامامەن بولىدۇ؛ بولمىغاندا، ئەگەر ئۇ ئاۋال ئايرىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويسا، سىز ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك ھىس قىلىپ، تېخىمۇ ئازاپلىنىپ قالىسز.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号