ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ، بالىلىرىنى شاھزادە ۋە مەلىكىلەردەك ياساپ قويىدۇ. بىراق، ئۆيدە، ئاتا-ئانىلار بالىغا ھەرۋاقىت قاراپ تۇرالايدىغان بولغاچقا، نىمىلا كەيمىسۇن، چوڭ مەسلە كۆرۈلمەيدۇ؛ ئەمما يەسلىگە بارغاندا، تۆۋەندىكى تۆت خىل كىيىمنى بالىلارغا كېيگۈزمەسلىك كىرەك.
سىرتمىلىق ئىشتان
   بالىلار يەسلىگە كىرگەن ۋاقىتتا، ئەمدىلا ئۆزى ھاجەتكە ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەن بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇلارغا سىرتمىلىق ئىشتان كېيگۈزۈپ قويساق، يەسلىدە ھاجەت قىستاپ قالسا، تىزدىن سېلىشقا ئەپسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ھاجەتكە چىقىش قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر سىرتمىنى ياخشى ئېچىپ ئىتەلمىسە، بالىنىڭ تىرىسىنى قىسىۋىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يەسلىگە بارغان بالىلارغا، ئەڭ ياخشىسى ئىلاستىكىلىقى ياخشىراق بولغان رېزىنكىلىك ئىشتان كېيگۈزۈپ قويماق لازىمدۇر.
   قىزلارنىڭ كىيىنىشتىكى تاللىشى نىسبەتەن كۆپ خىللاشقان بولۇپ، ئانىلار دۇكانلارنى كۆپرەك ئايلىنىپ باقسا بولىدۇ؛ قىسقىسى، يىڭىدىن ھاجەتكە ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەن بالىلارغا قولايلىق ھەم بىخەتەر بولۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ كىيىم تاللاپ بەرسەك بولىدۇ.
بەك قىممەت باھالىق كىيىملەر
   ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئامراقلىق قىلىپ، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىرىدۇ. بىراق، يەسلىدە كىچىك دوستلار ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولىسى كەپسىز كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كىچىك بالىلار بىرگە ئويناش جەريانىدا، ئىھتىياتسىزلىقتىن بالىنىڭ كىيىمى مەينەپ بولۇپ قېلىشى ياكى يىرتىلىپ كىتىشى مۇمكىن. ئەگەر قارشى تەرەپنى تۆلەتمەي دىسىڭىز، بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئالغان كىيىمگە ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ؛ تۆلىتەي دىسىڭىز، كىچىك بالىلار ئۆز-ئارا ئويناش جەريانىدا بولغان ئىشقا تۆلەم تەلەپ قىلىشقا يۈزىڭىز چىدىماي قالىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كېيگۈزۈپ يەسلىگە ئەۋەتمەسلىك كىرەك.
شوينىسى بار كىيىملەر
   بەزى بالىلار كىيىملىرىدە، زىننەت رولىنى ئوينايدىغان شوينىلار بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىيىملەرنىمۇ يەسلىگە بارغاندا كېيگۈزمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يەسىلىدە بىر مۇئەللىم ئون نەچچە بالىغا قارايدىغان بولغاچقا، ھەممىسىگە ھەرۋاقىت تۇلۇق قاراپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى كەڭرى ھەم بىردەم جىم تۇرمايدۇ. ئەگەر بالىلار سىيرىلماق ئوينىغان ياكى باشقا ئويۇنلارنى ئوينىغان ۋاقىتتا، كىيىمىدىكى شوينا بەدىنىگە چۆكىلىپ سىقىپ بەرسە ياكى بىرەر يەرگە ئىلىنىۋالسا، بالىغا ئاسانلا زىيان-زەخمە يەتكۈزىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بۇ خىلدىكى كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ يەسلىگە ئەۋەتمەسلىك كىرەك.
زىننەت بۇيۇملىرى كۆپ كىيىملەر
   نۇرغۇنلىغان پاسوندىكى بالىلار كىيىملىرىدە، كىچىك شارچە، يالتىراق ياپراقچە دىگەنگە ئوخشاش زىننەت قوشۇش بۇيۇملىرى كۆپ بولۇپ، بالىلار كېيگەندە تېخىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدۇ؛ بىراق، بۇ خىلدىكى كىيىم، يەسلىگە بارغان ۋاقىتتا كىيىشكە ماس كەلمەيدۇ. بالىلار ئويۇن بىلەن بۇلۇپ كەتسە ھەممىنى ئۇنتۇپ، قانداقسىگە كۆڭلى خوش بولسا شۇنداق ئوينايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، كىيىمىدىكى زىننەت قوشۇش بۇيۇملىرى تەرپىدىن بىرەر يەرلىرى كىسىلىپ كىتىدىغان دىگەنگە ئوخشاش زەخمىلىنىش يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ. شۇڭا، بۇ نوقتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلماي بولمايدۇ.
   بالىلار يەسلىگە بارغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنى چىرايلىق ياساپ قويۇشنى ئويلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ بىراق، ھەرنىمە دىگەن بىلەن بالىنىڭ يېشى كىچىك ھەم كەپسىز بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بەزى جەھەتلەردە يەنىلا دىققەت قىلماي بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号