ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
تېتىتقۇ ھارىقى(料酒)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   "تېتىتقۇ ھارىقى" قورۇما قورۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھاراقنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئسىپىرت مىقدارى ئادەتتە %15 تىن تۆۋەن بولىدۇ؛ تېتىتقۇ ھارىقىنىڭى ئېستىر مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى مول كىلىدۇ؛ تېتىتىقۇ ھارىقى ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى يىمەكلىكتىكى غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتىپ، خۇشپۇراقنى ئاشۇرۇشتۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  料酒
چەتئەلچە ئىسمى:  cooking wine
ئاساسلىق خام ئەشياسى: سۇ، سېرىق ھاراق، پۇراقلىق ماتىريال، ناترىي گلوتۇمات، يىمەكلىك تۇزى، شىكەر شاخىرى
چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قېتىلغانمۇ يوق: ياق 
ساقلاش ئۇسۇلى:  تەسكەي قۇرغاق مۇھىتتا ساقلاش، ئېغىزى ئېچىلغاندىن كىيىن، ئىمكان قەدەر تىز سۈرئەتتە ئىشلىتىپ تۈگىتىش
ساقلاش ۋاقتى: 18ئاي(مەھسۇلات ماركىسىدا كۆرسىتىلگەن ساقلاش ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ.)
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    تېتىتقۇ ھارىقى مەخسۇس قورىما قورۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىپ، خۇشپۇراقلىقىنى ئاشۇرۇشتۇر.
تېتىتقۇ ھارىقىنىڭ تەركىبىدە سېرىق ھاراق، قەنت، دىكسترىن، ئورگانىك كىسلاتا تۈرى، ئامىنو كىسلاتاسى، ئېستىر تۈرى، ئالدېگىدلار، ئارىلاش ئالكوھوللۇق ماي، ۋە چىقىرىندى ماددا قاتارلىقلار بار. بۇندىن باشقا تېتىتقۇ ھاراق تەركىبىدە يەنە ئادەم بەدىنى بىرىكتۈرەلمەيدىغان، چوقۇم سىرتتىن قوبۇل قىلىشقا ئىھتىياجلىق بولغان، لېۋىتسىن، ئىزولېيتسىن، مىتئونىن، فېنىل ئالانىن، ترېئونىن قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان 8 خىل ئامىنو كىسلاتالار بار.
ئىستىمال ئوزۇقلۇق قىممىتى
   تېتىتقۇ ھارىقى تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان 8 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدىكى لىسىن كىسلاتاسى ۋە ترىپتوفان چوڭ مىڭە نىرۋا يەتكۈزگۈچ ماددىلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ياغلارنىڭ بىرىكىشىگە  پايدىلىق بولىدۇ، بۇندىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگىمۇ پايدىسى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号