ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
يالپۇز (薄荷)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-10 كۆرۈلىشى : قېتىم

    يالپۇز، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىقتىسادى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئاروماتىك زىرائەت ھېسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 薄荷
لاتىنچە ئاتىلىشى: Mentha Haplocalyx Briq.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—كالپۇكلۇقلار ئەترىتى—يالپۇز ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام يالپۇز تەركىبىدە، تەخمىنەن 28 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 2 گىرام ئاقسىل، 0.6 گىرام ياغ، 0.1 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 0.3 گىرام كۆپلۈك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 90 گىرام سۇ تەركىبى، 1.7 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 4.2 گىرام تالا ماددىسى، 64 مىكرو گىرام فولىن كىسلاتا، 13 مىللىگىرام ناترىي، 30 مىللىگىرام ماگنىي، 32 مىللىگىرام فوسفور، 420 مىللىگىرام كالىي، 230 مىللىگىرام كالتسىي، 1.8 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.9 مىللىگىرام سىنىك، 6.6 مىكرو گىرام يۇد، 528 مىكرو گىرام ۋىتامىن A، 0.04 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.22 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 1.26 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 53 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.8 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار.
ئىستېمال قىممىتى
   يالپۇزنىڭ ئىستېمال قىللىنىدىغان قىسىمى ئاساسلىقى غولى ۋە يۇپۇرمىقى بولۇپ، شەربەت سىقىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. ئىستېمال جەھەتتە، يالپۇز تەم تەڭشىگۈچى ماددا ھەم پۇراق كىرگۈزگۈچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، چاي دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. يالپۇزنىڭ، زۇكامدىن بولغان قىزىش، گال ۋە باش ئاغرىش، مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号