


زىرە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ، تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ؛ زىرە ئادەتتە گۆش تۈرىدىكى تائاملارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، بەزىدە پۇراق كىرگۈزۈش خۇرۇچى قاتارىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ زىرىنى دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان بولۇپ، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق، ئاشقازان سۇۋۇپ قورساق قىسىم ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 孜然
لاتىنچە ئاتلىشى: Cuminum cyminum L.
باشقىچە ئاتىلىشى: كۇمىن ئوتى
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائى گۈل كەنجى سىنىپى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بەدىيان كەنجى ئائىلىسى—ئاممى ئوتى جەمەتى—زىرە ئۇرۇقدىشى
ئىقتىسادى قىممىتى
زىرىنىڭ ماي تەركىبىنىڭ پىروكسىداتسىيىلىنىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
زىرىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى قىسمىغا سېستىمىلىق سىناق تەتقىقاتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدە بىئولىگىيىلىك ئىشقار، سېرىق كىتون ۋە گىلىكوزىد تۈرىدىكى ۋە ساپونىن تۈرىدىكى تەركىبلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە زىرىنىڭ تەركىبىدە %9.68 كۆپ خىل قەنت، %16.31 ياغ، %27.06 ئاقسىل ھەمدە مول مىقداردىكى كالىي، سىنىك، كالتسىي، ماگنىي، مانگان، تۆمۈر، مىس قاتارلىق ئادەم بەدىنى نورمال ئىقتىدارلىرىنى ساقلاش رولى بار مىنرالنى ئىلمىنىتلارنىڭ بارلىقى ئىنىقلانغان.

دورىلىق قىممىتى
زىرىنىڭ ئالاھىدە مىزىلىك پۇرىقى بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق يەرلىك تائامى—كاۋاپ پىشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق تەم خۇرۇچى بولۇپ، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساغلاملىق ئىقتىدارلىرىغا ئىگە. بۇندىن باشقا يەنە زىرىدىن چەككىلەپ ئېلىنغان تەركىبتىن ياسالغان مۇرەككەپ زىماتى كالىزىرە دورىسىنىڭ ئاق كىسەلنى داۋالاش ئۈنۈمى بار.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بول

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ قويۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلار بە

ھەربىر ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيەلىگەن ۋاقىتتا، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىسى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ ئەل

بىر ئەركىشىنى ئۈزۈل-كىسىل بويسۇندۇرىمەن دىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىز ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇ

ھازىر ئاجايىپ بىر ھادىسە كۆپلەپ قالغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ھازىرقى ياشلاردا، "خىزمەتتىن قورقۇش كىسىلى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كىسەللىك پەيدا بولۇپ قالدى. ئەگەر سى

رىئال تۇرمۇشتا، ھەربىر ئايال كىشى ئۆز بەختىنى قوغلىشىدۇ؛ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈ

كىشىلەر ھۇرۇنلىقىدىن ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى ھەتتا بىر خىل ئىجادىيەت ھىسابلاشقا بولىدۇ.

توي تۇرمۇشىدا، بىر ئادەم سىزگە ھەرقانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئۇنى ئاساسى جەھەتتىن بىر بىلەت ئارقىلىق ئىنك

ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق بىر "مۇناپىق دادا"، ئايالى سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ 14ياشلىق قىزىغا باسقۇ
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号