ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
تاتلىق ياڭيۇ(红薯)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-18 كۆرۈلىشى : قېتىم

    تاتلىق ياڭيۇ پىدىگەن ئەترىتى يۆگىمەچ گۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ياڭيۇ تۈرىدىكى كۆكتاتتۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  红薯
لاتىنچە ئاتىلىشى:   lpomoea batatas
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—جۇخار گۈلى كەنجى سىنىپى، پېدىگەن ئەترىتى—يۆگىمەچگۈل ئائىلىسى—يۆگىمەچ گۈل كەنجى ئائىلىسى—بالتىرغان ئۇرۇقدىشى
تارقالغان رايونلىرى:  دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ئاسىيا، ئامىرىكا، ياۋرۇپا قىتئەلىرىدە يىتىشتۈرۈلىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    تاتلىق ياڭيۇنىڭ سۇ تەركىبى %80-%60 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا %10-%3 ئەتراپىدا كىراخمال، %5 ئەتراپىدا قەنت ۋە ئاز مىقداردا ئاقسىل، ماي كىسلاتالىرى، تالا ماددىسى، يېرىم تالا ماددىسى، پىكتىن ۋە كۈل ماددىسى قاتارلىقلار بار؛ ئەگەر 2.5 كىلوگىرام تاتلىق ياڭيۇنى 0.5 كىلوگىرام ئاشلىققا سۇندۇرۇپ ھىسابلىساق، ئۇنىڭ ياغدىن باشقا، ئاقسىل كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قاتارلىق تەركىبلىرى گۈرۈچ ۋە ئۇنغا قارىغان يۇقىرى كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى ئاقسىل تەركىبىنىڭ تۈزۈلۈشى بىرقەدەر مۇۋاپىق كەلگەن بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى. بولۇپمۇ دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە بىرقەدەر كەمچىل بولغان لىسىن كىسلاتا تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى كىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە كاروتىن، ۋىيتامىن E,C,B,A قاتارلىق ۋىيتامىنلار مول بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كىراخمالمۇ ئادەم بەدىنى تەرپىدىن نىسبەتەن ئوڭاي سۈمۈرلىدۇ.
ئىستىمال قىممىتى
   تاتلىق ياڭيۇ ئاكتىپ تەركىبلەرگە ئىگە؛ ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش، يۈرەكنى قوغداش، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىئابىت كىسىلىگە قارشى تۇرۇش، ئۇرۇقلىتىش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ "ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يىمەكلىكى" دىگەن نامى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号