ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
كۈنجۈت سېيى (芝麻菜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

   كۈنجۈت سېيى، كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجىياڭ، لىياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، خېبىي، شەنشى، سەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىغا تارالغان. كۈنجۈت سېيىنىڭ غولى ۋە يۇپۇرمىقىنى كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ياكى ھايۋاناتلار يېمى ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ؛ ئۇرۇغىدا ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىشقا ۋە دورىغا قوشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 芝麻菜
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Eruca sativ Mill.
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەپيۇنگۈل ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—كۈنجۈت سەي ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر يۈز گىرام كۈنجۈت سېيى تەركىبىدە، تەخمىنەن 25 كىلو كالورىيە ئېنېرگىيە، 2.6 گىرام ئاقسىل، 0.7 گىرام ياغ، 0.1 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 0.3 گىرام تويۇنمىغان يەككە ياغ كىسلاتاسى، 3.7 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.1 گىرام شېكەر، 1.6 گىرام يېمەكلىك تالا ماددىسى، 97 مىكرو گىرام فولىن كىسلاتاسى، 27 مىللىگىرام ناترىي، 47 مىللىگىرام ماگنىي، 52 مىللىگىرام  فوسفور، 369 مىللىگىرام كالىي، 160 مىللىگىرام كالتسىي، 1.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.47 مىللىگىرام سىنىك، 119 مىكرو گىرام ۋىتامىن A، 0.04 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.09 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.31 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.07 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 15 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.43 مىللىگىرام ۋىتامىن E، 108.6 مىكرو گىرام ۋىتامىن K قاتارلىقلار بار.
ئاساسلىق قىممىتى
   كۈنجۈت سېيىنى ئىستىمال قىلىشقا ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇرۇغىنىڭ ياغ تەركىبى %30گە يىتىدىغان بولۇپ ياغ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ.
   كۈنجۈت سېيىنى ئىستېمال قىلىشتا، شورپا، سالات قاتارلىقلارغا قوشۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلساق، ياكى باشقا كۆكتاتلار بىلەن بىرلىكتە قىيامغا مىلەپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号