
ئۆيىدە دوخوپكا بار بولغان دوستلار بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىل توخۇ كاۋىپىنى ھەرگىز ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلار!
چۈچۈك ھەم تەملىك توخۇ كاۋىپى
ئاساسلىق ماتىريال:
پارچىلانمىغان بىر پۈتۈن توخۇ گۆشى، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، سامساق
تېتىتقۇ ماتىريالى:
يىمەكلىك مېيى، شىڭچۇ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، پەمىدۇر قىيامى، قارامۇچ

-Step 1-
ئالدى بىلەن تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ چىنىگە 15گىرام ئەتراپىدا سوقۇلغان قىزىلمۇچ ۋە سوقۇلغان سامساق سالىمىز.
كەينىدىن يەنە تۆت قوشۇق شېڭچۇ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى ۋە بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى قوشىمىز؛ ھەمدە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز.
-Step 2-
توخۇنى قولىمىزدا بېسىپ تۈز ھالەتكە ئەكىلىمىز.

تەم كىرىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئارىدا ياكى باشقا ئۇچلۇق نەرسىدە توخ گۆشىنىڭ سىرتقى يۈزلىرىگە تۆشۈك تىشىپ قويىمىز.

توخۇنى يىڭى ساقلاش پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، كەيندىن ئالدىدا تەييارلانغان قىيامنىمۇ پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىگە تۆكۈپ، توخۇ گۆشىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە سۇۋايمىز؛ ئاخىرىدا پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرۋىتىپ، خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ چىگىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ 4 سائەتتىن ئارتۇق ساقلايمىز.
-Step 3-
ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ، يۈزىگە تەكشى بىر قەۋەت ماي سۇۋىغاندىن كىيىن، دوخوپكىغا سالىمىز؛ دوخوپكىغا سالغاندىن كىيىن، تۇنجى قېتىم دوخۇپكا قىزىقلىقىنى 160گىرادوسقا تەڭشەپ 25 مىنوت قاقلاپ پىشۇرىمىز؛ ئەگەر تەييار قىلغان توخۇ نىسبەتەن چوڭراق بولۇپ قالسا، بۇ ۋاقىتنى يەنە 10 مىنۇت ئۇزارتىشقا توغرا كىلىدۇ.
-Step 4-
25 مىنۇت توشقاندىن كىيىن، دوخوپكا قىزىقلىقىنى 180 گىرادوسقا ئېچىقىپ يەنە 10 مىنۇت قويىمىز.

ۋاقىت توشقاندىن كىيىن دوخوپكىدىن ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق قارىمۇچ چېچىۋەتسەك، بۈگۈنكى بۇ توخۇ كاۋىپى تەييار بولغان بولىدۇ.
بۇ خىل توخۇ كاۋىپىنى تەييارلاش ناھايىتى ئاددى بولۇپ، قىيامغا چىلاپ توڭلاتقۇدا ساقلىغان ۋاقتىمىز قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە تەم كىرىدۇ؛ يىگەن ۋاقىتتا، كۆكتاپ ۋە مىۋىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىسەك تېخىمۇ ياخشى.


دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇر

تۆۋەندىكى ئۈچ مۆچەلدىكى ئاياللار، تۇغۇلىشىدىنلا ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر خىل جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچى ئىنتايىن چوڭ، ئەرل

كىشىلەر كۆپ مىقداردا خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشۇپ، ئوتنى كۈچلۈك قىلىپ قورۇما تەييارلايدۇ. بىراق، بەزىبىر كۆزگە ئىلمەيدىغان كىچىك ئادەتلەرنىڭ راك كىسەللىكى پەيدا قىل

ھازىر بارغانسىرى كۆپ ئاتا-ئانىلار، بوۋاقلارغا بولغان دەسلەپكى تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىپ، نۇرغۇن ئانىلار بوۋىقى تېخى قورسىقىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇلا

بۇ خىل كۆكتاتنى ھەر كۈنى ئازراقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قاننىڭ قەنت مىقدارى ۋە ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号