ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
ئاچچىق-چۈچۈك سۈەنلاتاڭ رىسالىسىنى تاپشۇرۋىلىڭ!!!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سۈەنلاتاڭنىڭ ئىشتىھانى ئېچىپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئازراق سۈەنلاتاڭ ئىچىپ، تەم سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: دۇفۇ، قارا قېرىنقولاق، تۇخۇم، يۇمغاقسۈت، تۇز، كىراخمال، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ، لاۋچۇۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، دۇفۇنى كىچىكرەك تۆت بۇرجەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ قارا قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، پىيالىگە قارىمۇچتىن ئازراق سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كىراخمالغا ئازراق سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ تەييارلايمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، كىراخمال سۈيى، قوچۇلغان تۇخۇم قاتارلىقلارنى قازانغا سالىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، دۇفۇ ۋە قارا قېرىنقولاقنى قازانغا سېلىپ، چوڭ ئوتتا قازاننى قاينىتىمىز.
   ئالتىنچى قەدەمدە، ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان ئاچچىقسۇ بىلەن قارىمۇچنى قازاندىكى شورپىغا تۆكۈپ، ئۈستىگە ئازراق كۈنجۈت مېيى قۇيىمىز؛ ئاخىرىدا توغرالغان يۇمغاقسۈتنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، چىنىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号