ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
تۇخۇم شورپىسىنىڭ ھەر خىل تەييارلاش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
پەمىدۇر تۇخۇم شورپىسى

   كىتەرلىك ماتېرىيال: پەمىدۇر، تۇخۇم، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. شوخلىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ كىچىك قىلىپ توغرىۋالىمىز؛
   2. تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز قوشۇپ قوچۇيمىز؛
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، شوخلىنى سېلىپ قورۇپ شەربىتىنى چىقىرىمىز؛
   4. سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز؛
   5. چۆمۈچتە بىر تەرەپتىن قوچۇپ ئارىلاشتۇرغاچ، بىر تەرەپتىن قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى قۇيىمىز.
   6. تۇز ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ تەم تەڭشىسەكلا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
موگۇ تۇخۇم شورپىسى

   كىتەرلىك ماتېرىيال: تۇخۇم، موگو، تېتىتقۇ ھارىقى، ئاچچىقسۇ، تۇز، غولپىياز مايسىسى، توخۇم تەم جەۋھىرى، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. تۇخۇمنى چېقىپ، يېرىم قوشۇق سۇغۇق سۇ يېرىم قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ قوچۇيمىز.
   2. موگونى يۇيۇپ نىپىز توغرايمىز، غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغرايمىز.
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، قايناپ چىققاندىن كېيىن موگونى سېلىپ كىچىك ئوتتا نەچچە مىنۇت قاينىتىمىز.
   4. ئوتنى چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى ئاستا-ئاستا، تەكشى ھالدا قازانغا قۇيىمىز، قازاننىڭ قايسى يىرى قايناپ چىققان بولسا شۇ يىرىگە قۇيىمىز.
   5. مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، غولپىياز مايسىسى ۋە كۈنجۈت مېيى قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
 
چىڭسەي تۇخۇم شورپىسى

   كىتەرلىك ماتېرىيال: چىڭسەي يۇپۇرمىقى، تۇخۇم، غولپىياز مايسىسى، كىراخمال، تۇز، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قازاندا سۇ قاينىتىپ، يۇيۇپ تەييارلىغان چىڭسەي يۇپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىۋالىمىز؛ قايناتقان ۋاقىتتا ئازراق ماي ۋە تۇز قوشۇۋەتسەك، رەڭگى چىرايلىق چىقىدۇ.
   2. چىڭسەي يۇپۇرمىقىنى سۈزۈۋىلىپ، قازاندا باشقىدىن سۇ قاينىتىپ، سۇدا ئىرىتىپ تەييار قىلغان كىراخمالنى قۇيىمىز.
   3. تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى قۇيىمىز؛ تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى قوشقان ۋاقىتتا، توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز.
   4. ئاخىرىدا ئازراق تۇز، غولپىياز مايسىسى ۋە كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号