ياز كۈنلىرىدە، تاماق يىگەندە يىڭىچە تەمدىكى چىلىغان كۆكتات قوشۇپ يىسىڭىز، سىزگە باشقىچە تېتىشلىق تۇيىلىدۇ. تۆۋەندە بىز تەييارلىنىشى ئاددى ئەمما تەمى ياخشى كەلگەن بىر خىل چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
كىتەرلىك ماتىريال:
ھېسىۋىلەك، سامساق، يىڭى سوڭپىياز، تۇرۇپ، تۇز زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاق شىكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ھېسىۋىلەكنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ، توغراپ ئارلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان داسقا سالىمىز. كەينىدىن ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تۇز تۆكۈپ، قولىمىزغا پىلاستىر پەلەي كىيىپ تۇرۇپ، تۇزنى ھېسىۋىلەك ئۈستىدە يىنىك بېسىپ بىرىمىز. داسقا ھېسىۋىلەك پۈتۈنلەي چۆكەشكىچىلىك سۇ قۇيىمىز؛ ( ھېسىۋىلەكنىڭ ئۈستىگە تەخسىدىن بىر نى قويۇپ بېسىپ بىرىشىمىز كىرەك) ؛ مۇشۇ ھالەتتە 3 سائەتتىن ئارتۇق قويىمىز، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاخشام قويۇپ قويۇش كىرەك؛ بۇ جەرياندا بەسەينى ئىككى ئۈچ قېتىم ئۆرپ مالتىلاپ بىرىش كىرەك.
2. تۇزلاپ تەييار قىلغان ھېسىۋىلەكنى ئۆتكۈزگۈچكە سېلىپ، سۇدا چايقايمىز؛ چايقاپ بولغاندىن كىيىن، ئۆتكۈزگۈچ تورى بىلەن ھېسىۋىلەكنى ئېلىپ بىر ياندا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قۇرىتىمىز.
3. پىيالىگە شىكەر ۋە قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ، ئۇنىڭغا بىر قۇشۇق سۇ قۇيۇپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلگىچىلىك قوچۇيمىز؛ يەنە بىر چىنە تەييارلاپ، ئىككى ئىستاكان سۇ ۋە بىر قوشۇق تۇزنى تەڭشەپ، ئېشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويىمىز.
4. تۇرۇپ، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىكتە توغراپ، ھېسىۋىلەك بىلەن بىللە، ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان داسقا سېلىپ، ئالدىدا تەييار قىلىۋالغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيىمىز. ھەمدە قىيامنى كۆكتاتلارنىڭ يۈزىگە تەكشى سۇۋايمىز
5. تەييار بولغان چىلانغان كۆكتاتنى باشقا قاچىغا سېلىپ، 3- باسقۇچتا تەييار قىلغان تۇز سۈيىنى ئۈستىگە قۇيىمىز ھەمدە قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، سىرتتا كۈن نۇرۇ چۈشىدىغان جايدا بىۋاستە 24 سائەت ئاپتاپقا سالىمىز؛ 24 سائەتتىن كىيىن قاچىنىڭ ئېغىزىنى ئاچساق، ئازراق پۇراپ قالغاندەك پۇراق چىقسا، كۆكتاتنى توڭلاتقۇغا يۆتكەپ، يەيدىغان ۋاقىتتا توڭلاتقۇدىن ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
چۈنكى بۇنداق ئەر-خوتۇنلار، قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە جىدەللىشىپ قالمىغان بولمىسۇن، شۇ كۈنى زىددىيەتنى ھەل قىلىپ ئەتىسىگە قالدۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى بېسىۋا
بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر
ھازىر، تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاش جەھەتتىمۇ، تەدر
بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لۇيى.خىس. خېررىئوت تۇغۇلما تىرىچىر-كوللىنىس ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ بۇ خىل كىسەللىك، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى
تەلەي خۇددى بىر خىل پۇرسەتكە ئوخشايدۇ، چۈنكى پۇرسەت ناگاندا بىر كۆرىنىدىغان خارەكتىرگە ئىگە بولىدۇ؛ كىشىلەرمۇ بۇ سەۋەپلىك، قىممەتلىك ھىسابلىنىدىغان بۇ "تەلەي"گە
ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بول
ئايرىلىپ كىتىش، مۇھەببەتنىڭ ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق بولسا، ئەڭ ياخشى نەتىج
داۋىد.باۋىر، دۇنياغا داڭلىق بولغان ھەم ئىنتايىن تالانتلىق بىر مۇزىكانت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى كۆك، يەنە بىرسى سېرىق رەڭدە كەلگەن جەلپكار بىر جۈپ كۆزلىرى بار.
كۆڭلىدىكى ئاشىقىغا ئۇچراشقان ۋاقىتتا، ھەممىلا ئادەم دادىللىق بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلالايدىغان ئەمەس، بەزىلەر ھەتتا كۆڭلىدىكى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ كىتىپ قېلىشى
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号